ئىستانبۇلدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا قېيىشى ۋە خىتاي دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2015.04.06
turkiye-erkin-ekrem-iqtisad.jpg دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا قېيىشى ۋە خىتاي دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 4-ئاپرېل، ئىستانبۇل.
RFA/Arslan

4-ئاپرېل شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا، «دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا يۆتكىلىشى ۋە خىتاي» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ھەر ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىستراتېگىيە يىغىنىنىڭ بۇ قېتىملىقى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قارادېڭىز يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىنغا ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىن «كۈچىيىۋاتقان خىتاي نېمە قىلالايدۇ؟» دېگەن تېمىدا بولۇپ 1-قىسمى: «دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا يۈزلىنىشى ۋە خىتاي» دېگەن تېمىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى.

بۇ يىغىندا ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا ئىستراتېگىيە چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ لېكسىيە بەردى.

ئۇ سۆزىدە، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيانغا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا مەركەزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەكرىن ئەكرەم خىتاي، ئامېرىكا، ھىندىستان ۋە ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچلىرى ۋە ئىقتىسادىي كۈچلىرىنى ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان دېڭىزىدىكى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمىنىڭ خىتاي بىلەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى، ياپونىيە، فىلىپپىن، مالايشىيا، بىرۇنى، ۋىيېتنام ۋە تايلاند قاتارلىق دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دېڭىز ئاراللىرىنى تالشىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىدە خىتاي ئۆز ئالدىغا بىر دېڭىز چېگراسى سىزىپ مەۋجۇت چېگرا سىزىقلىرىنى بۇزۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە سۈركىلىش يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم سۆزىدە يەنە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونلىرىدىكى دۆلەتلەر بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا دېڭىز ئارال تالىشىش مەسىلىلىرىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بىر يۈرۈش پۇرسەتلەر كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ پۇرسەتلەردىن قانداق پايدىلىنىش ياكى پايدىلىنالماسلىق ئۇيغۇرلارغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

يىغىن ئاخىرىدا دوكتور ئەركىن ئەكرەم يىغىن ئەھلىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

2 سائەت داۋام قىلغان يىغىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.