ئۇيغۇر ياشلىرى تۈركىيەدە ئىگىلىك تىكلەپ جەمئىيەتكە ھەسسە قوشماقتا
2016.11.29
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار تۈركىيەدە ياشاش جەريانىدا ھالال كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىجارەتكە ماھىرلىقىدەك ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا قانۇنلۇق ئىگىلىك تىكلەپ كەلمەكتە.
ئىستانبۇلنىڭ زەيتۇنبۇرنى رايونىدا ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلاردىن ئالىم ئەخمەت 2014-يىلى 1-ئايدا تۈركىيەدىكى «ھالال دۇنيا» زەنجىرسىمان تاللا بازىرىنىڭ زەيتۇنبۇرنى رايونىدا ئېچىش ھوقۇقىنى قولغا ئېلىپ رەسمىي شىركەت ھالىتىدە تىجارەت باشلىغان ئىدى.
ھالال دۇنيا تاللا بازىرى گىمدەس جەمئىيىتىنىڭ خەلقئارا مىقياسىدا ئېلىپ بېرىشنى باشلىغان بىر پىلان خىزمىتىدۇر. بۇ خىزمەت دائىرىسى ئىچىدە، گىمدەس تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈش ۋە «ھالال ۋە پاك» دېگەن كىنىشكىنى ئالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا ئاسان يوللار بىلەن يەتكۈزۈپ بېرىش مەقسەت قىلغاندۇر.
ھالال دۇنيا تاللا بازىرى تۈركىيەنىڭ شەھەر، ۋىلايەتلىرىدە خىزمەت قىلىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە 38 تاللا بازىرى ئېچىلغان، بۇنىڭ 7 سى ئىستانبۇلدا ئىكەن.
ئالىمجان ئەخمەت شۇ شىركەتكە ئەزا بولغان بىردىن -بىر ئۇيغۇر كارخانىچى ھېسابلىنىدىكەن.
ئالىمجان ئەخمەت مۇئامىلىدە قىزغىن ۋە مۇلازىمەتنى ئەلا قىلىپ قىسقىغىنە 3يىل ئىچىدە تاللا بازارنىڭ دائىرىسى كېڭەيتكەن. 11-ئاينىڭ 26-كۈنى زەيتۇنبۇرنى رايوننىڭ ئۇيغۇرلار مەركەزلىك جايلاشقان ئورنىدا تىجارەت باشلىغان ئالىمجان يېڭى تاللا بازىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا ھالال دۇنيا تاللا بازىرىنىڭ لىدىرى ۋە ئالىمجاننىڭ يېقىنلىرىدىن بولۇپ، كۆپلىگەن كىشىلەر قەدەم تەشرىپ قىلدى. مۇراسىم ئاخىرىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئالىمجان سورىغان سوئاللىرىمىزغا قارىتا ئۆز ئويلىغانلىرىنى بايان قىلدى.
مۇراسىمغا قاتناشقانلاردىن ئۆمەر ھاجىم ئىستانبۇلدا ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ياشلارنى رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ بەزى تەكلىپلىرىنى بايان قىلدى.