خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئۇنىڭ گۇما 14-فېۋرال پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن ئالغان قاتتىق ئامانلىق تەدبىرى رايوننىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى ئاقسىتىپ، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ سودىسىغا تەسىر قىلغان.
ئەنگلىيە «ئىقتىسادشۇناس »ژۇرنىلىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قوراللىق ھەيۋە كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى، شەھەر-بازارلاردا برونېۋىك توختىتىپ، مەخسۇس ئايرودروملاردا ئېلىنىدىغان ئامانلىق تەدبىرلىرىنى ھەممە يەردە يولغا قويۇشى، بەزى بىنالارنى سىم تور بىلەن قورشاپ، كىرگەن-چىققان ئاپتوموبىللارغا قارىتا بومبا تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشى، ساياھەتچىلەردىكى بۇ رايوندا ئەھۋال ئېغىركەن، دەيدىغان ئەندىشىنى كۈچەيتىۋەتكەن.
مەزكۇر ژۇرنالنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، بۇ ۋەزىيەتنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئۇيغۇر يەككە تىجارەتچىلىرىگە تەسىر قىلغانلىقى، ساياھەتچىلەرگە يەرلىك قول سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان يەككە تىجارەتچىلەر باھا چۈشۈپ، «سودا ئۆلدى» دەپ شىكايەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەلۇم بىر شەھىرىدىكى بىر دوپپا دۇكىنىنىڭ خوجايىنى رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، يېقىندىن بېرى سودىسىنىڭ بوشاپ كەتكەنلىكىنى دەلىللىدى.
دۇكاندار: بۇ دوپپا دۇكىنى. (بازار) ئۆتكەن يىلقىغا قارىغاندا سەل ئاستا.
مۇخبىر: مەسىلەنگە، قانچىلىك ئاستىلىغاندۇ؟ سېتىلىشىنى دەيمەنغۇ؟
دۇكاندار: سېتىش نېمىسىنى،دەمسىز. سېتىلىشى ھازىر بىر كۈنىگە شۇ بىر 2 تال، 3-2 تال،دېگەندەك شۇنداق سېتىلىۋاتىدۇ. ھازىر ماۋۇ ۋاقىتمۇ ناچار بولغاندىن كېيىن. ھاۋامۇ بىر كۈن سوغۇق، بىر كۈن ئىسسىق بولغاندىن كېيىن.
مۇخبىر: دۇكاندىكى كۈندىلىك سېتىلىشىنى دەيسىزغۇ، توردىكى ئەمەس. نورمال بازاردا كۈندە قانچىسى سېتىلاتتى؟
دۇكاندار: ئادەتتىكى نورمال بازاردا 5-6، 10 دېگەندەك ئاشۇنداق سېتىلىدۇ.
ئۇيغۇر رايونىدىكى «كاڭخۇي »ناملىق بىر ساياھەت شىركىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئۇيغۇر رايونىنىڭ شىمالىدىكى قاناس، قارىماي قاتارلىق رايونلارغا ساياھەت قىلىش مەسىلە ئەمەس. بىراق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا ساياھەتچىلەرگە ئالاھىدە بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى يولغا قويۇلىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بايام مەن ئېيتقاندەك شىمالدىكى قاناس قاتارلىق جايلارغا ساياھەت قىلسىڭىز ھېچقانداق مەسىلە يوق. بىراق جەنۇبقا ساياھەت قىلىشقا كەلسەك مەن سىزگە راست گەپنى قىلىشىم كېرەك. ئۈرۈمچىدە ھېچقانداق گەپ يوق. بۇ يەر شىنجاڭنىڭ مەركىزى. بىز قاناسقا بېرىشتا قارىماي، كۇيتۇڭ ياكى ئالتايدىن ئۆتىمىز. بۇ يەرلەردىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ. بىراق شۇ جەنۇبقا بېرىش مەسىلىسىگە كەلسەك، مەيلىسىز خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇغا بېرىڭ، بۇ جايلاردا مەيلىسىز يەرلىك بولۇڭ، چەتئەللىك بولۇڭ ياكى ئىچكىرىلىك بولۇڭ ھەممىسى ئۈچۈن بىر مەسىلە بار.، ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى بىر قەدەر جىددىي».
ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، شۇ سەۋەبلىك يولدا جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىغا بارىدىغان يولۇچىلارنى كۆپ تەكشۈرىدىكەن.
ئۇ: «بۇ رايوننىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى نىسبەتەن كۆپرەك. مەسىلەن، بىز جەنۇبقا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بارساق بەلكى نۇرغۇن تەكشۈرۈش پونكىتلىرىدىن ئۆتۈشىمىز كېرەك»، دېدى.
يۇقىرىقى ئۇيغۇر دۇكاندارنىڭ بىردىن- بىر ئۈمىدى يازلىق ساياھەت پەسلى يېتىپ كەلسە، سودىسىنىڭ بىر ئاز تىرىلىشىدۇر. بىراق بەزى خىتاي ئىقتىسادشۇناسلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ۋەزىيەت مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يازلىق ساياھەتچىلىكىگە ئۈمىد باغلاشقا بولمايدىكەن.
ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق خىتاي ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن خانىم مۇنداق دەيدۇ: «ساياھەت ئىقتىسادى مۇنداق ماڭىدۇ، ئالدى بىلەن بۇ كىشىلەرنىڭ شۇ جايلارغا بېرىپ، كۆرۈشىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىككىنچىسى، ياتاقخانا مەسىلىسى. ئۈچىنچىسى، شۇ يەرنىڭ مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىش ۋە يېمەك-ئىچمەككە پۇل خەجلەشتۇر. يەنە بىر مۇھىم خىراجەت، ئۇ بولسىمۇ يەرلىك ساياھەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋېلىش. مەسىلەن، شىنجاڭنىڭ پىچىقى. لېكىن ھازىر ساياھەتچىلەر پىچاق ئالالمايدىغان بولدى. ئالغان تەقدىردىمۇ ئايروپىلانغا چىقارمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل يەرلىك مەھسۇلاتلار بار، ئەمما چەكلىمىمۇ خېلى كۆپ. شۇڭا، ئۇيغۇر رايونى ساياھەتتىن كېلىدىغان كىرىمگە بەك ئۈمىد باغلىماسلىقى كېرەك».
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، 5-ئايغا قەدەر ساياھەتچى تىزىملاتمىسا، بۇنىڭدا ئۈمىد يوق ئىكەن. خې چىڭليەن، «مۇقىملىق ئاساسلىق مەسىلىگە ئايلانغان ھەرقانداق يەردە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇنداق ۋاقىتتا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتىدىن سۆز ئېچىلسا، ئۇنىڭ بىر نەتىجىسىنىڭ بولۇشى ناتايىن. بولسا، ئۇنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسى بولىدۇ. بىر رايوندا بىخەتەرلىك بىر مەسىلىگە ئايلانغان ۋاقىتتا، مەبلەغ سېلىش دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. ھازىر كېتەلەيدىغان خىتايلار كېتىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت سەپەرۋەرلىككە كېلىپ، ھەربىر ئادەمگە 5000 سوم مائاش بېرىپ، نەچچە يۈز ساقچى قوبۇل قىلىمىز، دېگىنى تۇردى. بۇنىڭغا ئادەم چىقامدۇ-چىقمامدۇ، مەنمۇ بىلمەيمەن. بىراق بۇ ھازىرقى ۋەزىيەت. شۇڭا، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى قىسقا ۋاقىتتا ئوڭشالمايدۇ. ئۇ ھازىرقى خەقلەرنى تۇتۇپ قالالامدۇ يوق، بۇنى بىلمىدۇق».
بىراق «ئىقتىسادشۇناس» ژۇرنىلىنىڭ ماقالىسىدە قەيت قىلىشىچە، دائىرىلەر ساياھەتچىلىك ئۇيغۇر رايونىدا مۇقىمسىزلىقنى ئازايتىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى «ئىتتىپاقلىقى» نى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، بىراق ساياھەتتىكى گۈللىنىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھېچقانداق ياردىمى تەگمىگەن.
«خىتاي ئىچكى ساياھەتنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئالغا سۈرۈشىگە ئىشىنىدۇ» سەرلەۋھىلىك بۇ ماقالىدا: «بۇ يەردىكى قۇرۇلغان بارلىق بىنالار ئۇيغۇرلارنى ئۇنچىلىك خوش قىلىۋېتىدىغان ئىش ئەمەس. پاكىستانغا بارىدىغان تاش يولنى يېڭىلاش قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلار پۈتۈنلەي باشقا ئۆلكىلىك ئىشچىلار. ساياھەتچىلىكنىڭ سەمىمىي مۇئامىلىنى ئالغا سۈرۈپ، بۇنىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا كېڭىيىدىغانلىقىغا يېتەرلىك پاكىت يوق. (خىتاي) ساياھەتچىلەر كۆپ ھاللاردا خىتايلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق رايونلارنى ساياھەت قىلىشنى تاللايدۇ. ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلىدىغانلار بولسا بەزىدە مەسچىتكە كالتە ئىشتان بىلەن كىرىپ ياكى قەدىمىي ئەسەرلەرنى ئاسراش ھەققىدىكى قائىدىگە سەل قاراپ، يەرلىك خەلقنىڭ ھېسسىياتىغا تېگىدۇ»، دېيىلگەن.