مۇتەخەسسىسلەر: «يېڭى يىپەك يولى» ئۇيغۇرلارغا ھەم پايدىسز رىقابەت، ھەم پايدىلىق پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.11.14
shi-jinping-qirghizistan-ziyaret-almasbek-atambayef-kelishim.jpg خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئالماسبېك ئاتامبايېف بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. 2013-يىلى 11-سېنتەبىر، بىشكەك.
RIA Novosti

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ يىل 10‏-ئايدا ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە قىلغان زىيارىتىدە «يېڭى يىپەك يولى» نى گۈللەندۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر پىلان قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئېچىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا قوللاشقا ئېرىشكەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە، «يېڭى يىپەك يولى» نى جانلاندۇرۇش پىلانى ئامېرىكىنىڭ تەسەۋۋۇرى بولۇپ، سابىق دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون خانىم 2011‏-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ «يېڭى يىپەك يولى» تەسەۋۋۇرى بىلەن خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى» پىلانى پەرقلىنىدۇ. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر پىلان ئۇيغۇرلارنى بەزى پايدىلىق پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، زور رىقابەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىل ئۆكتەبىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىدە ئوتتۇرىغا قويغان «يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغى» قۇرۇش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىش خەلقئارا يىغىنى، 25‏-نويابىر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ غۇلجا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەزكۇر يىغىننىڭ غۇلجا شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

يىغىننىڭ تەييارلىق ھەيئىتى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغى» قۇرۇش پىلانىنى چۆرىدەپ، مەزكۇر پىلاننىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسىتى، تاشقىرىغا يۈزلەنگەن غۇلجا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«يېڭى يىپەك يولى بەلۋېغى» تەسەۋۋۇرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرۈپ، يەرلىكنى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئورتاق قارىشى. بىراق بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، مەزكۇر پىلان ئۇيغۇرلارنى قىسمەن پايدىلىق پۇرسەتلەرگە ئىگە قىلسىمۇ، بىراق يەنە زور رىقابەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. تۈركىيە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئەركىن ئەكرەم، بۇ قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى.

«يېڭى يىپەك يولى» پىلانىنى ش ھ ت نىڭ بىشكەك يىغىنىدا شى جىنپىڭ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ پىكىرنى ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان. سابىق ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون 2011‏-يىلى 1‏-ئايدا ھىندىستاننى زىيارەت قىلغاندا سۆزلىگەن بىر قېتىملىق نۇتقىدا «يېڭى يىپەك يولى»نى جانلاندۇرۇشنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئۇ شۇ يىلى 9‏-ئايدا، ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى يىللىق يىغىنى مەزگىلىدە ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زالماي رەسۇل، گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گۇيدو ۋېستېرۋېللې بىلەن بىرگە، مۇناسىۋەتلىك ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىنى چاقىرىپ، «يېڭى يىپەك يولى» پىلانىنى مۇزاكىرە قىلغان.

كلىنتون شۇ قېتىملىق يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا: ئەسىرلەر بويى، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ۋە شۇنداقلا پۈتكۈل ئاسىيا قۇرۇقلۇقى يىپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ سودا تورى ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئالاقە قىلىپ ۋە گۈللىنىپ كەلدى. ئافغانىستاننىڭ قايناق سودا بازىرى دەل بۇ سودا تورىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئافغانىستانلىق كارۋانلار ئۆز ماللىرىنى پېراۋۇننىڭ سارىيى بىلەن خىتاينىڭ سەددىچىن سېپىلى ئارىلىقىدا قاتناپ يۈرۈپ ساتقان، دېگەن.

بىراق پروفېسسور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى «يېڭى يىپەك يولى» پىلانى، خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغى» پىلانىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ پىلانى ئافغانىستاننى مەركەز قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ پىلانى ئۇيغۇر ئېلىنى مەركەز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ بۇ يىل 10‏-ئايدا ئاستانا، ئاشخابات، تاشكەنت ۋە بىشكەككە قىلغان سەپىرىدە بۇ دۆلەتلەر بىلەن نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش، قەرز بېرىشنى چۆرىدەپ، جەمئىي 50 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىغان. بىر قازاقىستاننىڭ ئۆزى بىلەن 30 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم تۈزگەن ئىدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ «يېڭى يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغى» ئامېرىكىنىڭ پىلانىدىن پەرقلىنىپلا قالماي، رۇسىيەنىڭ ياۋروپا -ئاسىيا ئىتتىپاقى قۇرۇش ئارزۇسىغا قارشى ئالتىرناتىپ پىلان.

پروفېسسور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ 2009‏-يىلى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى»دىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننى ئېچىشنى كېڭەيتىپ، غايەت زور مىقداردا مەبلەغ سېلىشى، كۆچمەنلەرنى يۆتكىشى، قەشقەر ۋە غۇلجىنى ئالاھىدە ئىقتىسادى ئېچىش رايونى قىلىپ بېكىتىشى، ئۇنىڭ «يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلۋېغى» پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىراق ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى كەسكىنلىك مەزكۇر پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 25‏-نويابىردىكى بىر كۈنلۈك يىغىنغا خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سودا، تاموژنا، تاشقى ئىشلار ئورگانلىرىنىڭ، ئىلى ئوبلاستىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئىدارىلەرنىڭ مەسئۇللىرىدىن سىرت، خىتاي كارخانا ساھەسىدىكى مەسئۇل دائىرىلەر، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان قاتارلىق 5 جۇمھۇرىيەتنىڭ سودا‏-سانائەت ساھەسىدىكى، خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىدىكى مەسئۇل كىشىلەر قاتنىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.