جەنۋەدىكى ب د ت باش ئىشتابى ئالدىدا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

بېرندىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھەبىبۇللا ئىزچى تەييارلىدى
2024.07.08
duq-jenwe-5-iyul-13

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە RFA/Hebibulla Izchi

duq-jenwe-5-iyul-01

ب د ت ئالدىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىدە يولدىن ئۆتۈۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلەر تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ روشەن ئابباستىن سوئال سورىماقتا. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە RFA/Hebibulla Izchi

duq-jenwe-5-iyul-02

ب د ت ئالدىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىدە يولدىن ئۆتۈۋاتقان بىر كىشى رەسىملەرنى كۆرمەكتە. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە RFA/Hebibulla Izchi

duq-jenwe-5-iyul-03

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى رەئىسى روشەن ئابباس نامايىشتا سۆزلەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە RFA/Hebibulla Izchi

duq-jenwe-5-iyul-04

جەنۋەدىكى ب د ت باش ئىشتابى ئالدىدا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە RFA/Hebibulla Izchi

duq-jenwe-5-iyul-05

مالايىسيا مۇسۇلمانلار ھەرىكىتى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، مالايسىيا ئالىي سوتى مۇئاۋىن باشلىقى موھد كاھىرۇل ئەنۋەر ئىسمايىل نامايىشتا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە RFA/Hebibulla Izchi

duq-jenwe-5-iyul-06

جەنۋەدىكى ب د ت باش ئىشتابى ئالدىدا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە RFA/Hebibulla Izchi

duq-jenwe-5-iyul-07

جەنۋەدىكى ب د ت باش ئىشتابى ئالدىدا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە RFA/Hebibulla Izchi

duq-jenwe-5-iyul-08

نامايىشتىن كېيىن مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەلىك مېھمانلار دولقۇن ئەيسا ۋە ئابدۇلھاكىم ئىدرىس بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە RFA/Hebibulla Izchi

duq-jenwe-5-iyul-09

جەنۋەدىكى ب د ت باش ئىشتابى ئالدىدا 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە نامايىش كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە RFA/Hebibulla Izchi

duq-jenwe-5-iyul-10

ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتى ئابېمنىڭ باش رەئىسى، ئىسلام ئىتتىپاقى تەشكىلاتى ھىندونېزىيە شۆبىسى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئادلان ئال مىلزاھ نامايىشتا سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە RFA/Hebibulla Izchi

duq-jenwe-5-iyul-11

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن سۆزلەۋاتىدۇ. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە RFA/Hebibulla Izchi

duq-jenwe-5-iyul-14

ب د ت ئالدىدىكى رەسىم كۆرگەزمىسىدە يولدىن ئۆتۈۋاتقان خىتاي ساياھەتچىلەر تۇتقۇنلارنىڭ رەسىملىرىنى كۆرۈپ روشەن ئابباستىن سوئال سورىماقتا. 2024-يىلى 5-ئىيۇل، جەنۋە RFA/Hebibulla Izchi

بۈگۈن 5-ئىيۇل كۈنى، شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابى ئالدىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى، شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ بىرلىشىپ تەشكىللىشىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ نامايىش شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان بولۇپ، د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 15 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ۋە ۋە ب د ت دىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىشچىلارغا سۆز قىلىپ، ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس بىر قەتلىئام ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭ ھازىرقى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

نامايىشتا سۆز قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر دىرېكتورى زۇمرەتئاي ئەركىن بولسا، 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدا ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ كۈنلەردىكى قىرغىنچىلىق، چوڭ تۇتقۇنغا شاھىت بولغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتتى.

ب د ت دا چاقىرىلغان «خىتاينىڭ ئاسىيادىكى ئىسلام نەپرەتچىلىكى» دېگەن يىغىنغا كەلگەن، مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، مالايسىيا ئالىي سوتى مۇئاۋىن باشلىقى موھد كاھىرۇل ئەنۋەر ئىسمائىل، ھىندونېزىيەدىكى مۇسۇلمان ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باش رەئىسى، ئىسلام ئىتتىپاقى تەشكىلاتى ھىندونېزىيە شۆبىسى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئادلان ئال مىلزاھ قاتارلىقلار ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە نامايىشقا قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار نامايىشتا ئارقا-ئارقىدىن سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى يېقىندا تونۇغانلىقىنى، ئالدىنقى قېتىملىق ب د ت يىغىنىدا مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش قارارىدىن يېنىۋالغانلىقىغا ئېچىنىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى ئابدۇلھاكىم ئىدرىس 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان قىرغىنچىلىقلىرىنىڭ بىرى» دېدى. ئۇ نامايىشتىن كېيىن نەق مەيداندا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنى ئۇيغۇر مۇھاجىرىتىنىڭ ئۇنتۇماسلىقى ۋە خاتىرىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

نامايىش جەريانىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ب د ت نىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ رەسىملىرىنى تىزىپ رەسىم كۆرگەزمىسىمۇ ئاچقان بولۇپ، بۇ، يولدىن ئۆتكەن ساياھەتچىلەر ۋە ب د ت غا كىرىپ چىقىۋاتقان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتقان.

نامايىش ئەتىگەن سائەت 10دىن چۈشكىچە داۋاملاشقان بولۇپ نامايىشقا كانادا، ئامېرىكا، تۈركىيە، شىۋېتسارىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇرلار قاتناشقان. نامايىشچىلار «ئۇيغۇرلارغا ھۆرىيەت»، «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرىيەت» دېگەن جاراڭلىق شوئارلار ب د ت ئالدىنى لەرزىگە سالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.