كانادادىكى  فېستىۋالدا «ئۇيغۇر روھى» نامايان قىلىندى

0:00 / 0:00

2019-يىلى دۇنيا مىقياسىدا كورونا ۋىرۇسى يامراشقا باشلىغاندىن كېيىن يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن نۇرغۇن دۆلەتلەر جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، ئاممىۋى پائالىيەتلەرنى چەكلىگەنىدى. بۇ ياز نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كوللېكتىپ بايرام پائالىيەتلىرى، ھەر تۈرلۈك فېستىۋاللار قايتا جانلىنىشقا باشلىدى. 14-ئاۋغۇستتا كانادانىڭ مونترېيال شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مىللەتلەر دوستلۇق فېستىۋالى» غا ئۇيغۇرلارمۇ قاتنىشىپ، مىللىي روھىنى نامايان قىلغان.

10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىشتىراك قىلغان بۇ فېستىۋالدا، بۇ نۆۋەت ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئەنئەنىلىرى كۆرسىتىلگەن. ئۇيغۇر سەنئەتچى رىدا ئابلىمىت ئەپەندى، شېئىرىنى نۇرمەمەت ئېركى يازغان، مۇزىكىسىنى تۇرسۇن قادىر ئىجات قىلغان «پەخىرلەن دۇنياغا مەخمۇت ۋەتىنى» دېگەن ناخشىنى ئورۇنلاپ تاماشىبىنلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئىگىلىشىمىزچە مەزكۇر فېستىۋال كانادانىڭ مونترېيال شەھىرىدە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ھەر يىلى8- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 1 كۈن داۋام قىلىپ كەلمەكتىكەن. بۇ كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنى تونۇشتۇرۇش فېستىۋالىغا بۇ يىل تەخمىنەن 55 دۆلەت ۋە مىللەت قاتناشقان بولۇپ، ئۇيغۇرلار بۇ فېستىۋالدا مىللىي كىيىملىرىنى كىيىپ قوللىرىدا كۆك بايراقنى كۆتۈرگەن ھالدا پاراتتىن ئۆتۈپ، ناخشا ئورۇنداپ ئۇيغۇر مىللىي روھىنى نامايان قىلغان.

بۇ ھەقتە تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رىدا ئابلىمىت ئەپەندى بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ نامايان قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ فېستىۋالغا ئىشتىراك قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى ئون مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ 55 دۆلەت ۋە مىللەت قاتناشقان زور بىر فېستىۋال بولۇپ، كۈندۈزى ھەممە مىللەت ئۆزلىرىنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ، ئۆزلىرىنىڭ بايراقلىرىنى ئاسماندا لەپىلدىتىپ مىللەتلەرنىڭ روھىنى نامايان قىلغان بولدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە بىزمۇ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزنى لەپىلدىتىپ، شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ۋاكالىتەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى، جاسارىتىنى نامايان قىلغان بولدۇق».

مەلۇم بولغىنىدەك «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھازىر دۇنياغا بىلىنگەن بولۇپ، بۇنداق بىر پەيتتە بۇ فېستىۋالدا ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن كىشىلەر، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلغان. رىدا ئابلىمىت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «فېستىۋالدا نۇرغۇن مىللەتلەر بىزنىڭ <ئىرقىي قىرغىنچىلىققا> ئۇچراۋاتقان مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى كۆرۈپ، ھېسداشلىق قىلدى، قوللىدى ھەمدە بىزگە مەدەت بېرىپ ئالقىشلىرىنى ياڭراتتى. بىز پاراتتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، كەچتە مەن ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن كانادا تۇرۇۋاتقان ھەر مىللەت ئىشتىراك قىلغان بۇ فېستىۋالدا سەھنىگە چىقىپ <پەخىرلەن دۇنياغا مەخمۇت ۋەتىنى> دېگەن ناخشىنى ئورۇندىدىم. بۇ ناخشا ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ جاسارىتىنى، سۇنماس روھىنى، نامايان قىلغان بولدۇم. مەن ناخشىنى ئورۇنلاۋاتقاندا ئىككى قىز پەرزەنتىمىز كۆك بايرىقىمىزنى لەپىلدىتىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق بىزنى تىز پۈكتۈرەلمەيدىغانلىقىنى نامايان قىلغان بولدى».

نوپۇسى كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان كانادادا يازلىرى فېستىۋال ۋە بايراملار كۆپ ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇرسەتلەر بار ئىكەن. كانادا شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى يىللاردا بۇ خىل پۇرسەتلەردىن ياخشى پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلقئارالاشقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

رىدا ئابلىمىت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە بۇندىن 4 يىل بۇرۇنقى مەزكۇر فېستىۋالدا خىتايلار ئۇيغۇرچە كىيىم كىيىپ پاراتتىن ئۆتۈپ، كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىكەن. بۇ ھەقتە توختالدى.

رىدا ئابلىمىت 2001 يىلى سەنئەت مەكتەپنى مۇزىكا ئىلمى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى سەنئەت بۆلۈمىنىڭ مۇزىكا- سۈرەت تەھرىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن. مەزكۇر ئىدارىدە 2012 يىلىغىچە ئىشلەپ، 2012 –يىلىدىن باشلاپ چەتئەلدە ياشىماقتا.