ئابدۇۋەلى ئايۇپ: مەن خەلقىمنىڭ ئانا تىلدىكى مائارىپقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆردۈم!

0:00 / 0:00

ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۇنىڭدىن بىرقانچە يىللار ئىلگىرى چەتئەلدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئۆگەنگەن بىلىملىرى بىلەن خۇسۇسىي مائارىپ ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئۆز خەلقىگە تەقدىم قىلىش شۇنداقلا قەلبىدە كۆۋەجەپ تۇرغان غايىسىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت ئىمكانىيەتلىرى ئىچىدە سىناپ كۆرۈشكە جۈرئەت قىلغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ بىرى.

بۈگۈن تۈركىيەدە ھۆر ياشاۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىنكى ئىزدىنىشلىرى ۋە دۇچ كەلگەن رىيازەتلىرى ھەققىدە ئەسلىمە تەقدىم قىلدى.

2005-يىلىدىن بۇيان تۈركىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە كرىزىس ئىچىدە قالغان ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن يول تېپىشقا بەل باغلايدۇ.

2011-يىلىغا كەلگەندە ئۇ ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنى تۈگىتىپ ئانا يۇرتقا قايتىشقا ۋە ئۆز غايىسىنى ئۆز خەلقىنىڭ تۇپرىقىدا رېئاللاشتۇرۇشقا قارار بېرىدۇ. كانزاس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسورىنىڭ ئۇنى تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتى بىلەن تەمىنلەش تەكلىپىمۇ، دوستلىرىنىڭ ئۇنى ئامېرىكىدا قەپ قېلىپ بىخەتەر مۇھىتتا ئۆز كېلەچىكىنى قۇرۇشى ھەققىدىكى نەسىھەتلىرىمۇ ئۇنىڭ قارارىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

دەرۋەقە، ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئانا يۇرتقا قايتىپ، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قەشقەر شەھىرىدىن ئىش باشلايدۇ. ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئانا تىلىدىكى يەسلى ۋە مەكتەپ قۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ يول ئېچىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرىدۇ. ئۇنىڭ تىنىمسىز ئىزدىنىشلىرى دېگەندەك ئۆز ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئاۋامغا سۆزلىگەن بىر يۈرۈش جانلىق لېكسىيەلىرى بىلەن ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدە ئېلان قىلغان ماقالىلىرى كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئانا تىل مائارىپى يولىدىكى بىر مەيدان خەلق دولقۇنىنى قوزغايدۇ.

ھالبۇكى، 2013-يىلىنىڭ 20-ئاۋغۇست كۈنى ئۇ قەشقەردىكى ئۆيىدە تۇتقۇن قىلىنىدۇ ۋە ئۈرۈمچىدىكى ليۇداۋان، مىچۈەن تۈرمىلىرىگە يىللارچە قامىلىپ، جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتتىن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەيدۇ.

ئەنە ئاشۇ رىيازەتلىك، ئەمما ئىزدىنىش روھىغا تولغان كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەن ئابدۇۋەلى ئايۇپ بۈگۈن ئاڭلارمەنلەرگە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئۆز غايەمنى ئىرادەم ئارقىلىق سىناپ كۆردۈم. مەن ئامېرىكىدىن ۋەتەنگە قايتىشنىڭ ئالدىدىلا ئۇ يەردىكى رېئاللىقنىڭ ئۇنچىلىك ئاسان ۋە ئوڭۇشلۇق بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتىم، ئەمما ئارزۇ ۋە غايىنى رېئاللاشتۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم كىملا بولمىسۇن ئالدى بىلەن سىناپ كۆرۈشى، ياكى ئۇرۇنۇپ كۆرۈشى زۆرۈر ئىدى. بۇ زۆرۈرىيەتنى مەن ئالدى بىلەن ئۆزۈمدىن باشلاشنى، ئۆزۈم بىۋاسىتە تەجرىبە قىلىشنى قارار قىلدىم. بۇ جەرياندا گەرچە مەن بەدەل تۆلىگەن بولساممۇ، ئەمما خەلقىمىزدىكى ئانا تىللىق مائارىپقا بولغان چەكسىز ئىستەكنى ھېس قىلدىم. مەن راستىنلا خەلقنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشتىم. خەلقىمىزدىكى ئانا تىلغا ۋە ئانا تىل ئارقىلىق ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مىللىي مائارىپقا بولغان تەلپۈنۈشنىڭ شۇ قەدەر كۈچلۈكلۈكىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.»

(داۋامى بار)