يات تۇپراقتا قايتا تېپىۋېلىنغان ئانا تىل
2013.04.10
ھازىر شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى سالمىقىنى 90-يىللاردا مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان.
ئۇلار يېڭىدىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن تۈركى جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى مىللەتچىلىك خاھىشىنىڭ كۈچىيىشى، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم بولماسلىقى سەۋەبلىرىدىن ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ شۋېتسىيىگە كۆچمەن بولۇپ كەلگەن. 70بيىللىق سوۋېت قىزىل ئىمپېرىيىسىنىڭ مىللەتلەر چوڭ ئائىلىسىنى رۇسلاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشىغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر تىلىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇپ، شۋېتسىيىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ئۆزئارا ئالاقىلەردە رۇس تىلىنى ئالاقە تىلى قىلغان. بولۇپمۇ ياشلاردا بۇ خىل ئەھۋال ناھايىتى ئېغىر بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر تىلىنى سۆزلەش ئەمەس، ھەتتا ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىداردىنمۇ مەھرۇم قالغان.
بىراق يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ، بولۇپمۇ 2000-يىللىرىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تىل ئالاقە مۇھىتىدا ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولغان. چوڭلاردىن تارتىپ ياشلارغىچە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنىڭدا سۆزلىشىش ئەھۋالى شەكىللەنگەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇرۇن ئۇيغۇر تىلى بىلمەيدىغان ياكى ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغان بىر قىسىم چوڭلار ۋە ياشلار ئۇيغۇر تىلىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان ياكى مۇكەممەل مەنە ئىپادىلىيەلەيدىغان دەرىجىگە يەتكەن.
ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت توپلۇقىدا ۋە ئاتا تىل مۇھىتىدا ياشاپ تۇرۇپ ئانا تىلىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ ئۇيغۇرلار قانداق بولۇپ، ئانا ۋەتىنىدىن يىراق بولغان شىمالىي ياۋروپانىڭ يات تۇپراقلىرىدا ئانا تىلىنى قايتا تېپىۋالدى. بىز بۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، بۇرۇن رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ۋە رۇس ئارمىيىسىدە پولكوۋنىك بولۇپ، ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىلىپ ياقايۇرۇتلاردا ياشىغان مۇرات پولكوۋنىكنى زىيارەت قىلدۇق. مۇرات پولكوۋنىڭ شۋېتسىيىگە كەلگەن مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر تىلى سەۋىيىسى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىدا مۇكەممەل مەنە ئىپادىلىيەلمەيدىكەنتۇق. ئۇ ھازىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كۆز قاراشلىرىنى ئۇيغۇر تىلىدا بايان قىلدى.
مۇرات پولكوۋنىڭ قارىشىچە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىشىگە سەۋەب بولغان ئاساسلىق ئامىل ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىپ شۋېتسىيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىش شارىئىتىنىڭ بولغانلىقىدىن ئىكەن. شۋېتسىيىدىكى جامائەتنىڭ چوڭى فەرۇق سادىق ئەپەندى مۇرات پولكوۋنىكنىڭنىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ مۇنداق دېدى.
فەرۇق سادىق ئەپەندى، شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىل مۇھىتى ۋە ئانا تىلنى ساقلاپ قېلىش جەھەتلەردە قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ناھايىتى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما شۋېتسىيىدە يېڭىدىن تۇغۇلۇۋاتقان بالىلارنىڭمۇ مۇكەممەل ئانا تىلىنى بىلىپ چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ئانا-ئاناىلارنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ، دەپ تەكىتلىدى.