ئامېرىكىدا ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بارىدۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016-06-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامەرىكىدىكى مەلۇم يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارغا دەرس بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشى.
ئامەرىكىدىكى مەلۇم يەسلىدىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارغا دەرس بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشى.
acf.hhs.gov

يېقىنقى يىللاردا، ئۇيغۇر ئېلىدا جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى، نوپۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى، جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكىگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلارنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى بىخەتەرلىكىگە دائىر مەسىلىلەرنىڭمۇ ئېغىرلاۋاتقانلىقى مەلۇم. بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشى، بالىلارنى نىشان قىلغان قەبىھ ۋەقەلەر، جىنايەتلەر ئاتا-ئانىلارغا قانداق قىلغاندا بالىلارنى ھەقىقىي قوغداپ، پاجىئەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟ دېگەن سوئالنى قويدى. ئاتا-ئانىلار بارغانچە بالىلارغا ئۆزىنى قوغداش جەھەتتە مۇۋاپىق تەربىيە بېرىش، پسىخىك ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش ساۋاتى بېرىشكە سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى ھېس قىلماقتا. بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە نىسبەتەن مۇكەممەل قانۇن تۇرغۇزۇلغان ئامېرىكىدا، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بارىدۇ؟ بۈگۈنكى پروگراممىمىزدا بۇنىڭغا ۋېرجىنىيا شتاتى فائېرفاكس رايونلۇق بالىلار مائارىپىغا مەسئۇل ئىشخانىسىدىن، بالىلار بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى ئالمان (Mrs.Allman) خانىم جاۋاب بەردى، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئائىلە تەربىيە قارىشىدىكى مۇھىم ئامىل ۋە تاكتىكىلاردىن مىسال ئېلىپ، ئاتا-ئانىلار نىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بالىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشى، توغرا كۆز قارىشى ۋە ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ھەققىدە مەسلىھەت بېرىدۇ.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى ئەنگلىيە كومىتېتى بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، دۇنيادا ھەر بەش مىنۇتتا بىر بالا زوراۋانلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىدىكەن، يەنە كېلىپ كۆپ قىسمى ئۇرۇش بولمىغان رايونلاردا يۈز بېرىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بالىلارنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچرىشى كۈنسايىن يۇقىرى بولماقتا.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادا كۈنىگە 340 نەپەر 20 ياشتىن تۆۋەن ياش-ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلار زوراۋانلىققا ئۇچراپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 75% ئى شەخسىي زوراۋانلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىكەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەنگلىيەدە 7% بالا زوراۋانلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىكەن. ئامېرىكىدا بولسا، بۇلتۇر تۆتتىن بىرگە يېقىن قىز ياش-ئۆسمۈرلەر جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغان.

يېقىنقى يىللاردا، ئۇيغۇر رايونى، جەمئىيەت بىخەتەرلىكىنىڭ بارغانچە مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ خىلدىكى قەبىھ ۋەقەلەردىن خالى دېگىلى بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكى مەلۇم.

ئۈندىدار، تور ۋە تاراتقۇلاردا بالىلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋەرلىرى كەڭ تارقىتىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى چوڭ-كىچىك شەھەر، ناھىيە، يېزىلارغىچە پىدائىيلار ئەترەتلىرى قۇرۇلۇپ يوقاپ كەتكەن بالىلارنى ئىزدەش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، ھازىرغىچە تورلاردا ئېلان قىلىنغان يوقاپ كەتكەن بالىلار ئاساسلىقى باشلانغۇچ مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار بولۇپ، كۆپىنچىسى مەھەللىسىدە ياكى مەكتەپكە بېرىش ۋە مەكتەپتىن قايتىش يولىدا يوقاپ كەتكەن بالىلار. يوقاپ كەتكەن بالىلار ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك پاجىئەلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن 6 ئاي ئىلگىرى ئاقسۇ شەھەر توپلۇق يېزىسىدا 8 ياشلىق دىلارەنىڭ كۈپ-كۈندۈزدە يوقاپ كېتىشى، ئۇنىڭ ئاتا، ئانىسى ۋە يېقىنلىرىنى زور ئەندىشىگە سالغان بولسا، 19 كۈن بولغاندا بۇ نارىسىدىنىڭ جەسىتىنىڭ ئۆز مەھەللىسىدىن تېپىلىشى پۈتۈن يېزىنى ۋەھىمە ئىچىگە ئالغان بىر زور ۋەقە بولغان ئىدى نەتىجىدە ئۇلارنى تېخىمۇ قاتتىق شۈركەندۈرگىنى بولسا بۇ نارىسىدىگە جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن زوراۋانلىق قىلىپ، رەھىمسىزلەرچە قىيناپ ئۆلتۈرگەن قاتىلنىڭ دەل دىلارەنىڭ تام قوشنىسى بولۇپ چىقىشىدۇر.

دىلارەنىڭ دېلوسى باسقۇنچىلىق، قاتىللىق دەپ تۇرغۇزۇلغان. بۇ نارسىدىنىڭ ۋەھشىي قاتىلى بولسا 19 ياشلىق ئىشسىز، ساۋاتسىز بىر ياش بولۇپ، بۇ دەل دىلارەنىڭ تام قوشنىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ چىققان ئىدى.

بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق مۇشۇ خىلدىكى قەبىھ ۋەقەلەرنىڭ كەينى-كەينىدىن يۈز بېرىشى نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاردا بالىلىرىدىن ئەنسىرەش، ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن تەشۋىشلىنىش، بالىلىرىنى ئۆيدىن سىرتقا چىقارماسلىق قاتارلىق روھىي ھالەت شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقى مەلۇم. ئاتا-ئانىلارمۇ ئائىلىدە بالىلارغا بىخەتەرلىك تەربىيەسى بېرىشى، بالىلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلماقتا. بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە چېتىشلىق قەبىھ ۋەقەلەر، قانلىق ساۋاقلار قانداق قىلغاندا، پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەردىن ساۋاق ئېلىپ، جىددىي تەدبىر قوللىنىپ بالىلارنى ھەقىقىي قوغداپ، پاجىئەلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ دېگەن سوئالنى قويدى.

ئاۋسترالىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ ئېلان قىلغان «جۇڭگودا ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ۋە يەككە-يېگانە ھالدا يۈتۈپ كەتكەن بالىلىرىنى ئىزدەۋاتقانلار»ناملىق ماقالىسىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا ھەر يىلى تەخمىنەن 70 مىڭدەك بالا قانۇنسىز بېقىۋېلىش، ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلاش قاتارلىقلار ئۈچۈن ئالداپ سېتىۋېتىلىدىغان بولۇپ، ھازىر خىتاي يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىش بازىرىغا ئايلىنىپ قالغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكىدا ھەر يىلى ئالداپ سېتىلىدىغان بالىلارنىڭ سانى ئاران 100 ئەتراپىدا ئىكەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يىللىق ئالاقىدار دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي «تېخى نوپۇس بىدىكچىلىكىنى تۈپ يىلتىزىدىن تازىلاشتەك ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمگە ئومۇميۈزلۈك ئەمەل قىلمايدىكەن.»
بىز بۇ يەردە جەمئىيەت مۇھىتىنىڭ ناچارلىقىنى ئۆزگەرتەلمىسەكمۇ، بالىلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۆزىنى قوغداش جەھەتتىكى مۇۋاپىق تەربىيە، ئۇلارنىڭ پسىخىك ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش ساۋادىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىق كېرەك.

بالىلارنىڭ ھەر قايسى تەرەپلەردىكى بىخەتەرلىكى ھازىر ھەر بىر دۆلەت، جەمئىيەت، ئائىلە ۋە ھەر بىر كىشى يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. نۆۋەتتە، دۇنيادا پەقەت 41 دۆلەتتىلا بالىلارغا زوراۋانلىق قىلماسلىق توغرىلىق قانۇن چىقىرىلغان. ئامېرىكىمۇ بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا بىر قەدەر مۇكەممەل قانۇنغا ۋە سېستىمىغا ئىگە دۆلەت. ئۇنداقتا ئامېرىكىدا ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە بىخەتەرلىك تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بارىدۇ ؟ بۇنىڭغا ۋېرجىنىيا شتاتى فائېرفاكس رايونىنىڭ بالىلار مائارىپىغا مەسئۇل ئىشخانىسىدىن، بالىلار بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى ئالمان (Mrs.Allman) جاۋاب بەردى.

ئائىلە تەربىيىسى توغرىسىدا ئالمان (Mrs.Allman)خانىم بالىلارغا ئۆزىنى قوغداش تەربىيىسىنى ئۆزىنىڭ بەدىنىنى قوغداشتىن باشلاشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، بەزىدە سەل قارىغان بۇ نۇقتىنىڭ ئەمەلىيەتتە بالىلارنى خەتەردىن قوغداشنىڭ ئەڭ ئالدىدا تەكىتلىنىدىغان ئاساسى مەسىلە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق نۇقتىلار بويىچە توختالدى.

1. ئامېرىكىنىڭ ئائىلە تەربىيە قارىشىدا بالىلارنى كىچىكىدىن تارتىپ ئىززەتلەش، مۇستەقىللىقىنى ھۆرمەت قىلىش، يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلدۇرۇشنى ئاساس قىلىدۇ. كىچىكىدىن باشلاپ بالىلارنىڭ تۇرمۇشتا تۈرلۈك ئىشلارنى ئۆزىنىڭ ھېس قىلغان، قورققان، ئىككىلەنگەن، گۇمانلانغان، ئۆزى ئۇچرىغان ئىشلارنى ئاتا-ئانىسىغا ئېيتىشقا، ئىپادىلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش،ئىلھاملاندۇرۇش، ۋاقىت ئاجرىتىپ بالىلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرۇپ پاراڭلىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى، بالىلارنىڭ توغرا كۆز قارىشى ۋە ھەرىكىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى مۇھىم. شۇ ئارقىلىق گۇمان رەسمىي مەسىلىگە ئايلىنىشتىن بۇرۇن، بالىلار دەخلىگە، خەتەرگە ئۇچراشتىن ئاۋۋال ئالدىنى ئېلىش مۇمكىنچىلىكى ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا سىر تۇتماسلىقنى ئائىلىنىڭ تۈزۈمىگە ئايلاندۇرۇش زۆرۈر ۋە قەتئىي رىئايە قىلىشنى تەكىتلەش، ئەگەر باشقىلار، يېقىن ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلار بولغان تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ بالىلار بىلەن ئاتا-ئانىسىدىن يوشۇرۇن سىر تۇتماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك. چۈنكى «ئارىمىزدىكى سىر» دېگەن پسىخولوگىيىلىك ئويۇن بالىلارغا باشقىلارنىڭ خۇپىيانە زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇشى مۇمكىن.

2. بالىلارغا ئۆزىنىڭ جىسمىنى قوغداشنى، بولۇپمۇ يوچۇن جايلىرىغا، ھەر قانداق كىشىنىڭ خالىغانچە قول تەگكۈزۈشىگە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش لازىم. يېقىن ئۇرۇق-تۇغقان، دوست ياكى قوشنا بولغان تەقدىردىمۇ راھەتسىزلەندۈرىدىغان يېقىنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشىلىق كۆرسىتىشى، رەت قىلىشقا جۈرئەتلىك بولۇشنى ئۆگىتىشى كېرەك.

3. بالىلارغا ئەگەر بىرى سوۋغات ياكى ئۇ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلەرنى بەرگەندە چوقۇم ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىشنى، جىددىي بىر ئائىلە تۈزۈمى سۈپىتىدە سىڭدۈرۈش كېرەك. ئەگەر گۇمانلىق يات بىرى بولسا دەرھال قېچىشنى ۋە ۋارقىراپ ياردەم سوراشنى ئۆگىتىش كېرەك.

4. بالىلار ھېچقانداق بىر كىشى تەرىپىدىن ھەر قانداق سەۋەب بىلەن سۆيۈپ ياكى قۇچاقلاپ قويۇشقا مەجبۇرلانماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۆزى خالىمىسا ھەتتا يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلارغىمۇ ياق دېيىش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك.

5. بالىغا، چوڭلارنىڭ بالىلاردىن ياردەم سورىشىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭمۇ بالا بولۇش سۈپىتى بىلەن قورۇمىغا يەتكەنلەرگە يولنى كۆرسىتىش قويۇش ياكى بىرەر يەرنى ئىزدىشىپ بېرىش دېگەندەك چوقۇم ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەش، بۇنداق ياردەم سورىغانلارنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئالدىدا ئويلاپ، مۇھىتقا ۋە ئۆزىنىڭ سەزگۈسىگە قاراپ رەت قىلىشى ۋە قۇتۇلۇش چارىلىرىنى ئۆگىتىش كېرەك.

ئالمان (Mrs.Allman)خانىم، بۇ بەش خىل ئۆزىنى قوغداش ساۋادىنىڭ بالىلار چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك بىخەتەرلىك چارىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭغا قوشۇمچە يەنە بۇ خىل ھادىسىلەر ۋە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاتا-ئانىلار ئائىلىنىڭ،جەمئىيەتنىڭ مۇھىتىغا ماس ھالدا مۇۋاپىق تەربىيە ئېلىپ بېرىشى ۋە بالىنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىش ئەھۋالىنىمۇ كۆزىتىپ، تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق بالىلارنىڭ بىھۇدە خەتەرگە ياكى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراش ئېھتىمالىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىش كېرەك دەپ تەۋسىيە قىلدى.

يۇقىرىدا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلىلەردە بالىلارغا ئېلىپ بارىدىغان بىر قاتار ئۆزىنى قوغداش تەربىيە ئۇسۇللىرى توغرىسىدا توختالدۇق، پەرزەنت تەربىيىسى گەرچە ماكان، زامان، تۈزۈلمە، ئادەت، مىللەت، ئىقلىم، دىن، ئائىلىۋى مۇھىت جەھەتلەردىكى چەكلىمە ۋە شەرت‏-شارائىتلار تۈپەيلى ھەر ئائىلىدە شارائىتىغا ماس ھالدا ئوخشاش بولمىغان ئەنزىسىنىڭ شەكىللىنىشى ئېنىق. لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدا بالىلارنىڭ يوقاپ كېتىشى ۋە ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى، بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى، قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بالىلارنى تاشلاپ قويۇش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ياكى ئازايتىپ، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكى، ساغلاملىقى، تەربىيىلىنىشى قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئۈنۈملۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ جىددىي قاراشقا تېگىشلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى تونۇتماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت