تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسۈپ، ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر شەھەرلىرىدىن بىرىدىكى «ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى» دە مۇتەخەسسىس بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر ئالىمى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ كىتابلىرىنىڭ 5-قىسمى يېقىندا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكۈسى.
بۈگۈنگە قەدەر ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ كىتابلىرى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 4 قىسىم نەشر قىلىنغان ئىدى. كىتابتا يەر ئالغان يازمىلار ئاپتورنىڭ تەرجىمە؛ تەۋسىيە ۋە تەجرىبىلىرىدىن جەملەنگەن «مۇۋەپپەقىيەتكە يېتەكلەش، مۈشكۈللەرنى ئاسان قىلىش ۋە كەلگۈسىنى ئالدىن پىلانلاش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئالغان بولۇپ، يىللاردىن بېرى تور دۇنياسىدا تارقىتىپ كېلىۋاتقان بۇ خىل ئىزدىنىشلىرىنىڭ كىتاب شەكلىدە نەشر قىلىنىپ تارقىلىشى، قانداق مەقسەتلەرنى ئۆزىگە جەم قىلغان؟
بۇ كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشى ۋە تارقىلىش ئەھۋالى ھازىر قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىنكاسىچۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن، مەزكۇر كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشىغا كۈچ قوشقان «تەدبىر» شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ئابدۇئېزىز بەشتوغراق ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئابدۇئېزىز بەشتوغراق ئەپەندى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ كىتابلىرىنىڭ نەشر قىلىنىشى ۋە تارقىلىش ئەھۋالى توغرىلىق مەلۇمات بەردى ۋە ئىنتېرنېت يازمىلىرىنىڭ كىتاب شەكلىدە نەشر قىلىنىشقا قارىغاندا ھەر جەھەتتىن مۇھىم ۋە قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۆۋەندە دىققىتىڭلار، گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىينىڭ ئابدۇئېزىز بەشتوغراق ئەپەندىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتىدا بولسۇن.
ئابدۇئېزىز بەشتوغراق ئەپەندىدىن ئىگىلىشىمىزچە: «كىشىلىك تەرەققىيات ھەققىدىكى يازمىلار ۋە كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر» ناملىق كىتابلار جەمئىي 4 قىسىمغا بۆلۈنۈپ نەشر قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ تىراژى 1000 تالدىن بېسىلغان.
ئا. بەشتوغراق ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە: ئىنتېرنېت دۇنياسىنىڭ ئىشلىتىلىشى قۇلاي بولغان بىلەن مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكى كىتابقا يەتمەيدىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە: ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ مەزكۇر يازمىلىرى ئەينى چاغدىكى ئىنكاسلىرى بىلەن بەلگىلىك تەتقىقاتقا ئىگە ئىكەن.
ئابدۇئېزىز بەشتوغراق ئەپەندى ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ كىتابلىرىنى نەشر قىلىشقا قىزىقىپ قالغانلىقىنى بايان قىلىپ، ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە بولغان ھۆرمىتى ۋە قايىللىقىنى بىلدۈردى.
ئابدۇئېزىز بەشتوغراق ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، «تەدبىر» شىركىتىنىڭ يېقىنقى خىزمەتلىرى كۆپ قىرلىق بولۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كويىدا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان دوستلارنىڭ ھەمكارلىقىدا ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ 5-قىسىملىق كىتابى «غالىبلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ساۋاقلىرى» مۇ تەييار بولغان. بۇ كىتاب ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 8 ۋە 9-ئۆكتەبىر ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمۇد ۋەخپى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلىدىغان 8-قېتىملىق «خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.