يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە قويغان مەسئۇل رەھبىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەخسۇس خىتاينىڭ «قوش تىل مائارىپى» ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى سۆزلەپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ«قوش تىل مائارىپى» سان ۋە كۆلەم جەھەتتە ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، سۈپەت ۋە ئۈنۈم كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەر ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قېلىشىغا ئېرىشتى» دېگەن. ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ مائارىپ تەربىيىسىگە مەسئۇل بۇ ئۇيغۇر كادىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە كۆتۈرۈلگەن ئانا تىل مائارىپ تەشەببۇسى، ئۇيغۇر ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئىزتىراپتىن قۇتقۇزۇش تەقەززاسى ۋە قوش تىل ئوقۇتۇشىنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىشىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان سەلبىي تەسىرلىرىگە پەرۋا قىلماي، «قوش تىل مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق» دېگەندەك بايانلىرى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپ» سىياسىتى توغرىسىدىكى دوكلاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 9019-يىللىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە «قوش تىل» ئوقۇتۇشى سىناق خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان، 2004-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «قوش تىل» ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى قارارنى چىقارغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ 2010-يىلى «شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى» ئېچىلغاندىن بۇيان، بۇ سىياسەتنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەن. 2012-يىلى 9-ئايغىچە، يەسلى ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى «قوش تىل» سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ۋە خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان مىللىي ئوقۇغۇچىلار 1 مىليون 678 مىڭ 600 گە يېتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ 66.61% ئىنى ئىگىلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچ يىللىق يەسلى مائارىپى بويىچە «قوش تىل» مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ۋە خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان مىللىي يەسلى بالىلىرى 455 مىڭغا يەتكەن. 2012-يىلى ئاپتونوم رايون ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئىككى يىللىق «قوش تىل» مائارىپىنى ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇش نىشانىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرغان. 2012-يىلى 9-ئايدا، ئىككى يىللىق «قوش تىل» سىنىپىدا ۋە خەنزۇچە ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت يەسلى بالىلىرىنىڭ سانى 426 مىڭ 100 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ئىككى يىللىق يەسلى مائارىپىنى قوبۇل قىلىۋاتقان (بەش-ئالتە ياشلىق) ئاز سانلىق مىللەت يەسلى بالىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ 92.03% ئىنى ئىگىلەيدىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمىشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر «قوش تىل» مائارىپى خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئەركىن تۇراخۇن «چۈنكى،«قوش تىل» مائارىپى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەلىم-تەربىيە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز تىلىنىمۇ،خەنزۇچىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا پايدىلىق» دېگەن. ئۇ يەنە «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەيلى ئوقۇتقۇچىلار ياكى ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقى سەۋىيىسىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم..خۇشاللىنارلىقى شۇكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل سەۋىيەسىمۇ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىگە ئوخشاشلا يىلدىن-يىلغا ئۆسۈۋاتىدۇ» دېگەن.
ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار، ئاتا، ئانىلارنىڭ بىر قانچە يىلدىن بۇيان رادىئومىزغا يەتكۈزگەن ئىنكاسلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تور بەتلەردە قوزغالغان ئىنكاس مۇلاھىزىلەردىن مەلۇمكى يېقىنقى 10 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا مەجبۇرى ئىلگىرلىتىلگەن «قوش تىل مائارىپى» ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇشنى مەقسەت قىلغان يەككە تىللىق مائارىپ ئەندىزىسى بويىچە قارا قويۇق ئېلىپ بېرىلغان، ئۇنىڭ، بولۇپمۇ ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشى، نورمال تەرەققىياتىغا ئېلىپ كەلگەن توسالغۇلىرىمۇ ئىنتايىن گەۋدىلىك بولماقتا. ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئىنكاسى شۇكى، ئۇيغۇرلار قوش تىل مائارىپىغا، ياكى خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشكە قارشى ئەمەس، ھالبۇكى، «قوش تىل» دېگەن قالپاق ئاستىدا ئەۋلادلارنى ئانا تىلىدىن مەھرۇم قالدۇرۇۋاتقان، يەككە تىللىق مائارىپ تەدبىرلىرىگە قارشى.
نۆۋەتتە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپ سىياسىتى، خەلقئارادىكى نوپوزلۇق قوش تىل مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن «قوش تىل مائارىپ ئىلمىگە خىلاپ ھالدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتى» دەپ تەنقىد قىلىنماقتا. چۈنكى، مۇتەخەسسىسلەر ئىنسانغا ئۆز ئانا تىلدىن باشقا تىلنى ئۆگىنىشنى 8 ياشتىن كېيىن يولغا قويۇش مۇۋاپىق دەپ تەۋسىيە قىلىپ كەلگەن. بۇنداق بولمىغاندا بالىلارنىڭ نورمال تەپەككۇر قىلىشى ۋە ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتلەردىن نورمال ئۈسۈپ يېتىلىشىمۇ دەخلىگە ئۇچرايدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا قوش تىل مائارىپ نامىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇشنى ئۇيغۇرلارغا 3 ياشلىق بالىلاردىن باشلاپ يولغا قويماقتا.
ئەمما، ئەركىن تۇراخۇن «ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى بولسا بىزنىڭ «قوش تىل» مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدىغان مۇھىم يېتەكچى ئىدىيەمىز» دەپ تەكىتلىگەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلاردىن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىدە ئون يىلدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئەركىن تۇراخوننىڭ قوش تىل مائارىپى ھەققىدىكى بايانلىرىغا كۈچلۈك رەددىيە بەردى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرى ۋە مەۋجۇتلۇقىغا تاقىلىدىغان مائارىپتا كۆرۈنۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تۇتقان مەسئۇلىيەتسىز مەيدانىنى تەنقىد قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاز سانلىق مىللەتلەر «قوش تىل» مائارىپى خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئەركىن تۇراخۇن:
«‹قوش تىل› ئۆگىنىش، ‹قوش تىل› ئىگىلەش، ‹قوش تىل› ئىشلىتىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئارا ئالاقىنى كېڭەيتكىلى، تىل مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرغىلى، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئۆگەنگىلى، نەزەر دائىرىمىزنى ئېچىپ، ئۇچۇر مەنبەلىرىمىزنى كېڭەيتكىلى، بىلىمىمىزنى موللاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئىككىنچى، ‹قوش تىل› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنى ئىچكىرىلەپ يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. ئۈچىنچى، ‹قوش تىل› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پايدىلىق› دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ يەنە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ‹قوش تىل› مائارىپىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھەققىدە توختىلىپ 2011-يىلى ئاپتونوم رايون ‹قوش تىل› مائارىپى تەرەققىياتىنىڭ ئون يىللىق يىرىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك شىنجاڭنىڭ ‹قوش تىل› مائارىپى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېتەكچى ئىدىيىسى، خىزمەت پرىنسىپى ۋە ئىستراتېگىيىلىك نىشانىنى ئېنىق بېكىتتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ‹قوش تىل› مائارىپىنىڭ ئون يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ توغرا رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بولسىلا، شىنجاڭ ‹قوش تىل› مائارىپى خىزمىتىنىڭ ئالدىن بېكىتىلگەن نىشانىنى چوقۇم ئورۇندىيالايمىز!» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.
ئەركىن تۇراخۇننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تاراتقۇلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە «قوش تىل» مائارىپى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بارىدىغانلىقى ھەققىدىكى بۇ پىكىرلىرى ئۇيغۇر زىيالىيلاردا ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئانا تىل تەرەققىياتىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى كۈچەيتمەكتە.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق ئوقۇتقۇچىسى قۇتلۇق ئالماس ئەپەندى بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى ۋە بارلىق ئۇيغۇر ئاتا -ئانا ھەمدە ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئانا تىل يېزىقىنى قوغداشقا چاقىردى.