2016-يىلى 5-ئىيۇن گوللاندىيەدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» بۇ يىل رامىزاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلىرى سەۋەبلىك «ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت كۇرسى» دا تەربىيىلىنىۋاتقان ئۆسمۈرلەرنى تەتىلگە قويۇپ بەردى.
بۇ پائالىيەت مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىگە جايلاشقان خىزمەت مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان.
مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مائارىپ ئىشلىرى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تەتىلگە قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى، بۇ ئوقۇغۇچىلاردىن يىللىق ئىمتىھان ئېلىنغان ۋە نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلار بۈگۈن تەقدىرلەنگەن.
مەزكۇر پائالىيەت 5-ئىيۇن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 2 دە قۇرئان كەرىم تېلاۋىتى بىلەن باشلىنىپ، كەچ 6 گە قەدەر داۋام قىلغان. پائالىيەتتە مەزكۇر لاياقەتلىك ئوقۇغۇچىلارنى تەقدىرلەشتىن باشقا، رامىزانغا مۇناسىۋەتلىك ۋەز-نەسېھەتلەر، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتقا ئالاقىدار بەس-مۇنازىرىلەر، بىرلىكتە غىزالىنىش ۋە ناماز ئوقۇشتەك ئەھمىيەتلىك مەشغۇلىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان. پائالىيەت داۋامىدا ھەمسۆھبەت بولغان ئۇيغۇرلار ئۆز-ئارا، ئۇلۇغ رامىزاننىڭ پەزىلەتلىرىدىن كۆپلەپ نەسىۋىدار بولۇش ئۈمىدى بىلەن خوشلاشتى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى 2013-يىلىدىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان مەركىزى خىزمەت بىناسىدا ھەر يىل رامىزانلىق پائالىيەتلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىلمۇ رامىزان ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەرنى مۇقىملاشتۇرغان.
بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن جەمئىيەت مەسئۇللىرىدىن بىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار بۇ يىل رامىزان ئېيىدىمۇ، ناماز، ئىپتار، سوھۇر ۋە دەۋەت-تەبلىغ پروگراممىلىرى بىلەن گوللاندىيەدىكى ۋەتەنداشلىرى ئۈچۈن خىزمەت سۇنۇشنى پىلانلىغان.