گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆگەندى

0:00 / 0:00

گوللاندىيەدىكى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلەرگە 3 كۈنلۈك مەخسۇس كامپ پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتتە ئۆسمۈر قىزلار تەشكىللىك ھالدا قۇرئان ئوقۇش، ئانا تىل-يېزىقىدىن ساۋات چىقىرىش، جامائەتلىشىپ ناماز ئوقۇش ۋە غىزالىنىش ئارقىلىق مىللىي ۋە دىنىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگەنگەن.

پائالىيەت تەشكىللىگۈچى ئورۇن«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى»نىڭ مەسئۇلى ئىسا قارىھاجىمدىن ئىگىلىشىمىزچە: مەزكۇر پائالىيەت 2015‏-يىلى 31‏-دېكابىردىن 2016‏-يىلى 2‏-يانۋارغىچە 3 كۈن داۋام قىلغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان قىزلار بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز بىر خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىسا قارىھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە بۇ پائالىيەت ئارقىلىق گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان قىز ئۆسمۈرلەرنىمۇ ئۆز-ئارا ئۇچراشتۇرۇپ، يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ھەپتە ئاخىرى ئىككى كۈنلۈك كۇرسلاردا تەربىيىلىنىشكە يېتەكلەش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.

ئىسا قارىھاجىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە تەلىم-تەربىيەگە ئالاقىدار ھەرقانداق ئۆسمۈردىن، بۇرۇنقىدەكلا ھېچقانداق ھەق ئېلىنمايدىكەن.

ئۇ يەنە مىللىي ۋە دىنىي تەلىم-تەربىيەنىڭ پەرزەنتلەرنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن توسالغۇ ئەمەس بەلكى، مۇھىم بىر رولى بارلىقىنى؛ ھەپتە ئاخىرى ئىككى كۈنلۈك كۇرستا ئۆز-ئارا گوللاندىيە مائارىپىدىكى دەرسلەردە ھەمكارلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بالىلارنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك نەتىجە بىلەن ئوقۇيالىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى پىلانلار ھەققىدىمۇ ئۇچۇر بېرىش بىلەن بىرگە، تەلىم-تەربىيەنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى بايان قىلدى.

مەزكۇر پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان قىزلارمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتتە كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى ۋە كۆڭۈللۈك ئۇنتۇلغۇسىز بىر ۋاقىت كەچۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

پائالىيەتكە پەرزەنتى بىلەن بىرگە كېلىپ ياردەمدە بولغان گۈزەلنۇر خانىم ئۆزىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

مەزكۇر جەمئىيەت 2013‏-يىلى 1‏-يانۋاردىن باشلاپ ھازىر ئىشلىتىۋاتقان گوللاندىيەنىڭ زەيست شەھىرىدىكى مەركىزى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغاندىن بېرى، ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى شەنبە ۋە يەكشەنبە ئىككى كۈنلۈك «ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت» كۇرسىنى تەسىس قىلىپ، تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭدا تۈرلۈك شارائىتلارنىڭ تەقەززاسىدىن ئوغۇللار ئاساس قىلغان ئىدى. مانا ئەمدى، بەزى شەرتلەرنىڭ ھازىرلىنىشى بىلەن قىز ئۆسمۈرلەرگىمۇ مەخسۇس ئورۇن بەلگىلەش ئالدىدا تۇرماقتا ئىكەن.