گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار دوكتور ئەركىن سىدىق قاتارلىق زىيالىيلارنى كۈتۈۋالدى

0:00 / 0:00

2016-يىلى 28-ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە جەم بولۇپ، قىممەتلىك لېكسىيەلەردىن بەھرىمەن بولدى.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن سېدىق ئەپەندى ۋە تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئەپەندىلەر گوللاندىيەگە كېلىپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ زالىدا جەم بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتى.

مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئوبۇلقاسىم ئابدۇلئەزىز ئەپەندى مېھمانلارنى قارشى ئېلىش سۆزىدىن كىيىن، ئالدى بىلەن ئەركىن سېدىق ئەپەندى «ئالەم ۋە بىز» دېگەن تېمىدا، ئاندىن تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئەپەندى «زور مەلۇمات ئىلمى» توغرىسىدا لېكسىيە بەردى.

شۇ يەر ۋاقتى چۈش سائەت 2 يېرىمدە باشلانغان بۇ پائالىيەت ئاخشام سائەت 10 غا قەدەر باشتىن-ئاخىرى قىزغىن بىر كەيپىياتتا داۋام قىلدى. پائالىيەت ئەھلى بۇ ئىككى ئېلىم ئەھلىنى قەدىرلەپ، سۆھبەتلىرىنى غەنىيمەت بىلدى. لېكسىيە بېرىش، غىزالىنىش، ناماز ئوقۇش ۋە قىسقا ئارام ئېلىش جەريانىدىمۇ، ئەپەندىلەردىن سوئاللار سوراپ توختىمىدى. ئەپەندىلەرمۇ توختاۋسىز سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ ھارمىدى.

پائالىيەت ئارىلىقىدا يەنە، ئەركىن سېدىق ئەپەندىنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان 4 پارچە كىتابى، ئۇنىڭ ئېمزاسى بىلەن سېتىۋىلىنىشتەك بىر ئەھمىيەتلىك پائالىيەتمۇ ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئالىمى ۋە ۋەتەن، خەلقى ئۈچۈن تەر تۆكۈۋاتقان تۆھپىكارلىرىنى قوللاش روھى نامايان بولدى.

بۇ قېتىملىق سۆھبەت ۋە دىدارلىشىشتىن مەمنۇن بولغان ئۇيغۇرلار ئەركىن سېدىق ۋە تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئەپەندىلەر بىلەن خاتىرە رەسىملەرگە چۈشۈپ، ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە ئورتاقلىشىش ئارقىلىق، بۇ يەردە ئېرىشكەن خۇشاللىقلىرىنى تەنتەنە قىلىشتى.

بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيەدىكى ئەپەندى، خانىملاردىن باشقا، بېلگىيەدىنمۇ تەلەپچان ياشلار كېلىپ قاتناشتى. بۇ كۈنىدە جەم بولغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر ئەھمىيەتلىك كۈن بولدى. ئەپەندىلەرنىڭ شۇ كۈنلۈك دىدارىغا قانمىغان ۋە بۇ پۇرسەتتىن مەھرۇم قالغان يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئەتىسى 29-ئاۋغۇست كەچقۇرۇن «كاۋاپ سورۇنى» ئۇيۇشتۇرۇپ، ئەپەندىلەر بىلەن تاكى يېرىم كېچىگىچە مۇڭداشتى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئەركىن سېدىق ۋە تۇغلۇق ئابدۇرازاق ئەپەندىلەر بۇ قېتىملىق گوللاندىيەدىكى ئۇچرىشىشلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە ياخشى بولغانلىقىنى بىلدۈرسە، پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى ئۇيغۇرلار بۇ خىل پائالىيەتنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.