گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر دۆلەتلىك ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىش كۇرسىغا ئۇيۇشتۇرۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2013.12.23
gollandiye-uyghur-perzent-bala-terbiyelesh.jpg تىل ۋە مائارىپ سىستېمىسىدىكى تۈزۈلمىلەردىن خەۋەرسىز قىلىش سەۋەبلىك پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش ئېھتىمالى بولغانلارغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 23-دېكابىر، گوللاندىيە.
RFA/Pidaiy

مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى گوللاندىيەدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇش مەقسەت قىلىنغان، Citotoets يەنى «سىتۇ» ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلدۇرۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغان. بۇ گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان باشلانغۇچ مەكتەپنى تاماملاش ئالدىدا تۇرغان ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئالاھىدە پۇرسەت بولۇپ، قەدىرلەشكە ئەرزىيدىكەن.

گوللاندىيە مائارىپىدا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇش مۇددىتى 8 يىل بولۇپ، «سىتۇ» ئىمتىھانى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا دۆلەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان بىر قەدەر قېيىن ۋە مۇھىم بولغان ئىمتىھان ھېسابلىنىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىمتىھاندىكى نەتىجىسىگە قاراپ، كېيىنكى ئوقۇش يۆلىنىشىگە يۈزلەندۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئەگەر نەتىجىسى تۆۋەن بولۇپ قالسا، ئالىي مەكتەپكە كېرىش مۇساپىسى ئۇزاپ كېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ساھەنىڭ مەخسۇس ئىمتىھان يېتەكچىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، بالىلارنى قىسقا مۇددەتلىك كۇرسلاردا تەربىيىلەش گوللاندىيەدىكى مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلارنىڭ يەنە بىر ھىممىتى بولۇپ ئومۇملاشقان ئىكەن.

گوللاندىيەدىكى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى مەسئۇللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىل ۋە مائارىپ سىستېمىسىدىكى تۈزۈلمىلەردىن خەۋەرسىز قىلىش سەۋەبلىك پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش ئېھتىمالى بولغانلارغا ياردەم قىلىش مەقسىتىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەت 23‏-دېكابىردىن باشلاپ 4 كۈن داۋام قىلىدىكەن. دەرس قىلىپ بېرىش ئۈچۈن، شۇ ساھەنىڭ مەخسۇس خادىملىرى تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ مۇددەت ئىچىدە يىراق-يېقىندىن كەلگەن بالىلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك ۋە ياتاق مەسىلىسىنى، جەمئىيەت بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.

بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، گوللاندىيەدە ياشاش تارىخى بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان سادىقجان سەلەي ئەپەندىنى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ تەلىم-تەربىيە ئىشلىرى مەسئۇلى ئابدۇراخمان قارىھاجىمنى زىيارەت قىلدۇق.

ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلار ئۈچۈن ھەپتە ئاخىرى ئىككى كۈنلۈك دەرس ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

ئانا تىل ۋە مەدەنىيەت مەكتىپىدە دىن، ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەت، ئۇيغۇر تېلى، ئەرەب تېلى ۋە تارىخ قاتارلىق مىللىي تەربىيىلەرگە ئالاقىدار ساھەلەردىكى دەرسلەردىن باشقا، ساۋاقداشلار ئارىسىدىمۇ ئۆز-ئارا ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ، گوللاندىيە مائارىپىدىمۇ يۈكسىلىشىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بۇنى پۇرسەت بىلگەن ئونلارچە بالىلار، بۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر كىملىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىلىملەر بىلەن مۇستەھكەم ئاساس تىكلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.