ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر يەسلىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

5-ئىيۇن شەنبە كۈنى «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن جەمئىيەتنىڭ تەلىم-تەربىيە قارمىقىدىكى ئىستانبۇل زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆي قۇرئان كۇرسى ۋە ئانا تىل يەسلىسى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 2015-، 2016 ‏-ئوقۇش يىلىدىكى بىر يىللىق ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 1000 غا يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

مۇراسىمغا «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، ئەخمەت يەسەۋىي ئىلىم ۋە ئىرپان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلياس ساكا، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن شەرقىي تۈركىستان ياشلار ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ئىلھام تۇرانلى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى ۋەكىلى تىبەت يۈجەتۈرك، قازاق تۈركلىرى تەلىم-تەربىيە ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى پەخرى رەئىسى ياقۇپجان ۋە زەيتىنبۇرنۇ ۋە سەفاكۆيدىكى يەسلىلەرنىڭ ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىلىرى، ئاتا-ئانىلىرى بولۇپ 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

مۇراسىمدا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىدى.

كېيىن ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تەرىپىدىن يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى تونۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ئالاقىدار ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.

مۇراسىمنىڭ قالغان قىسمى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇر كۆرسىتىشى بىلەن داۋاملاشتى. ئوقۇغۇچىلار قۇرئان كەرەم ئوقۇش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ساما سېلىش، ئىتوت ۋە تىياتىر ئويناش قاتارلىق نومۇرلارنى كۆرسەتتى. ئۆسمۈرلەرنىڭ نومۇرلىرىدا ئىسلامغا بولغان ساداقەت، ۋەتەن مۇھەببىتى، زۇلۇم ۋە تەڭسىزلىككە قارشى قەتئىي روھ، ئاتا-ئانا ۋە ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىغا بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى نامايان بولدى. پائالىيەت مەيدانى باشتىن-ئاخىر جانلىق كەيپىياتقا تولدى.

مۇراسىم يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دا باشلىنىپ 17:00 دا ئاخىرلاشتى.

ئاخىرىدا، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان باشچىلىقىدىكى جەمئىيەت مەسئۇللىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى مۇبارەكلەپ، ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم مۇكاپات تارقاتتى. ئوغۇللارغا مېدال ۋە قىزلارغا تاج تاقاپ يەسلى ئوقۇغۇچىلىرىنى تەبرىكلىدى.

مۇراسىم يىغىن ئەھلىنىڭ بىردەك دۇئا قىلىش بىلەن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئاخىرلاشتى.