ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەسىس قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى مەركىزىدە داۋاملىق خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرى، فېستىۋاللار، مۇھاكىمىلەر ۋە كۆرگەزمىلەر بولۇپ تۇرىدۇ. مەركەزنىڭ ئوقۇش تەتقىقات ۋە پائالىيەتلىرى ئاساسلىق ئەزەربەيجان، دارى، قازاق، قىرغىز، موڭغۇل، پاشتون، تاجىك، تىبەت، تۈرك، تۈركمەن، ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىللىرى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلارغا بولغان قىزىقىشنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا مەيدان ھازىرلاپ كەلمەكتە. ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى مەركىزىنىڭ ھەر ئىككى يىلدا بىر ئېچىلىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى بلوئومىڭتون تارمىقىدا ئۆتكۈزۈلدى.
ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى مەركىزىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، بۇ قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تېمىسى «ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرى ۋە تىلشۇناسلىقى» بولۇپ، يىغىنغا گېرمانىيە، ئەنگلىيە، كانادا، ياپونىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەر قايسى شتاتلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس ۋە دوكتورانتلار بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تىلشۇناسلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان دوكتورانت ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئاساسلىق تىللار تېما قىلغان دوكلاتلار سۇنغان. ئىلمىي دوكلاتلاردا ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلغان. مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئۇيغۇرلاردىن مۇستاپا ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇر تىلىغا ئۆزلەشكەن ئىنگلىزچە كىرمە سۆزلەرنىڭ سىنتاكسىتلىق ۋە فونولوگىيەلىك ئۆزگىرىشى» دېگەن تېمىدا بەرگەن ئىلمىي دوكلاتى ئالاھىدە قىزىقىش قوزغىغان. ئۇنىڭ سىرتىدا گېرمانىيەدىن كەلگەن تىلشۇناس ماركەل ئەردالمۇ تۈركى تىللار ھەققىدىكى بەرگەن دوكلاتىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر تىلدىن بەزى مىساللارنى كەلتۈرگەن.
ئىلمىي دوكلاتلار جەريانىدا نۇرغۇن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر تىلىغا ئالاھىدە قىزىقىش ئىپادىلەپ، ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى توغرىسىدا سوئاللارنى كۆپ سورىغان.
3 كۈنلۈك پائالىيەتتە ئىلمىي دوكلاتتىن باشقا يەنە، كۆرگەزمە ۋە مەخسۇس ناخشا، ئۇسسۇل كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاخشام يىغىن ئۈچۈن ھازىرلىغان كونسېرت كېچىلىكى بولۇپ ئۆتكەن. سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان سەر خىل تۈركچە، قازاقچە ۋە پارسچە ناخشا، ئۇسۇللار ئارىسىدا ئۇيغۇر ناخشا ئۇسۇللىرى ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن.
بۇ مەكتەپتىكى مەخسۇس ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن «بىر پىيالە مەي» ۋە «مەشرەپ يوق يەردە» دېگەن ئۇيغۇرچە ناخشىلار ئورۇنلانغان. يەنە ئۇيغۇر ئۇسۇلى كۆرسىتىلگەندە، تاماشىبىنلار شوخ ئۇيغۇر ئۇسۇلىغا جۆر بولۇپ ئۇسسۇلغا چۈشكەن. ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەمكارلىقىدا سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان سەنئەت نومۇرلىرى ناھايىتى زور ئالقىشقا ئېرىشكەن.
ھازىر ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تىلشۇناسلىق، سودا، ئىنسانشۇناسلىق، خەلقئارالىق سىياسەت قاتارلىق كەسىپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلىم تەھسىل قىلماقتا. ئۇلار بۇ كۆپ خىل پەن، كۈپ خىل مەدەنىيەتلەر جۇغلانغان بۇ مەكتەپنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرۇش پۇرسەتلىرىنى قولدىن بەرمەي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بىر قانچە يىلدىن بۇيان بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر تىلى دەرسلىرى كۇرسلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى قىزىقىپ ئۆگەنگۈچىلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە ئىكەن. بۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار 11-ئايدا بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ تىپتىكى كونسېرتقا تەييارلىق كۆرمەكتە ئىكەن.
بۈگۈن، يەنى 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، خەلقئارالىق «مارتېن ئەننالس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى بولغان ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەرمۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى ئەپەندى ئىلگىرى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن بىر يىللىق زىيارەتچى ئالىم بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغان، ئەمما ئۇ ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئايرودرومدا توسۇپ قېلىنغان ئىدى.
