قازاقىستاندا خىتايدا ئوقۇشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغالغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018-02-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مىللىي ئۆرپ ئادەتلەرگە بېغىشلانغان مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى، قازاقىستان چېلەك تەۋەسى.
مىللىي ئۆرپ ئادەتلەرگە بېغىشلانغان مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش. 2013-يىلى، قازاقىستان چېلەك تەۋەسى.
RFA/Oyghan

مەلۇمكى، قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن بېرى ئۇنىڭ قوشنا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ئالاقىلىرى خېلى كۈچەيگەن. بولۇپمۇ، ئىككى مەملىكەتنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىۋاتقان بولۇپ، كېيىنكى يىللاردا خىتاينىڭ ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىدا ئوقۇۋاتقان قازاقىستانلىق ياشلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان.

بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ ئاستانا شەھىرىدە ئورۇنلاشقان «جەمئىيەتلىك پىكىر» تەتقىقات ئىنستىتۇتى ۋە گۇمىيېف نامىدىكى ياۋرو-ئاسىيا مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى كونفۇتسىيە ئىنستىتۇتى بىرلىكتە قازاقىستاندىن خىتايغا بېرىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار توغرىلىق دوكلات تەييارلىغان ئىدى.

مەزكۇر دوكلاتتىن ئېلىنغان بەزى مەلۇماتلار «زاكون ئوز» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتايدا ئوقۇش: بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلار نېمىنى خالايدۇ ۋە نېمە ئېلىۋاتىدۇ؟» ناملىق ماقالىدا بېرىلدى.

ئۇلارغا قارىغاندا، 2014-يىلى خىتايدا 203 مەملىكەتتىن 370 مىڭ بالا ئوقۇغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىرىدا ئۇلارنىڭ سانىنى يېرىم مىليونغا يەتكۈزۈش كۆزدە تۇتۇلماقتا ئىكەن.

خىتايدا بىلىم ئېلىۋاتقان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي قىسمىنى جەنۇبىي كورېيە، ئاندىن قالسا ئا ق ش، تايلاند، رۇسىيە، ياپونىيە ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىدىكەن. قازاقىستان بۇ يەردە 9-ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.

2007--يىلى خىتايدا ئوقۇۋاتقان قازاقىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 3000 ئادەمنى تەشكىل قىلغان بولسا، 2016-يىلنىڭ بېشىدا ئۇلار تۆت ھەسسە كۆپىيىپ، 11 مىڭ 764 كە يەتكەن.

قازاقىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن شىئەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، لەنجۇ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە بىلىم تەھسىل قىلماقتا. بۇ ئوقۇش ئورۇنلىرىنىڭ ئىچىدە قازاقىستانلىق ياشلار كۆپرەك شىئەن چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىدىكەن.

خىتايدا بىلىم ئېلىۋاتقان قازاقىستانلىقلار ھەققىدە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەردىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ سانى 13 مىڭغا يەتكەن بولسا، قازاقىستاندا ئوقۇۋاتقان خىتاي ياشلىرىنىڭ سانى بارى-يوقى 1300 ئادەمنى تەشكىل قىلغان. 2017-يىلى ئاستانا شەھىرىدە ئۆتكەن خەلقئارا كۆرگەزمىدە نۇتۇق سۆزلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى قازاقىستاندىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى.

خىتاينىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدە بىلىم ئېلىۋاتقان قازاقىستان ياشلىرى نېمىلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن؟

يېقىنقى ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ مۇستەقىل مىللىي ئاخبارات تورلىرىدا خىتايدا بىلىم ئېلىۋاتقان قازاقىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە يېڭى پىكىرلەر پەيدا بولدى.

«قازاق ئۈنى» ئاخبارات تورىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بايسىلام قابىلخائىرنىڭ «خىتاينىڭ ‹يۇمشاق كۈچى› نىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلىمىزمۇ؟» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي مەدەنىي ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېقىملىق ئوبرازىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا تىرىشماقتىكەن. يەنى ئاددىي خەلقنى، ئۇنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىدىكى زىيالىيلىرىنى، تاللانغان شائىر-يازغۇچىلىرىنى خىتايپەرەس قىلىپ، ئۆزلىرىگە يېقىنلاشتۇرۇشقا ئىنتىلمەكتىكەن.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «مەدەنىي ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ: دەسلەپكىسى-ئوقۇغۇچىلار، ماگىستىرلار، دوكتورانتلارنى ئىنتايىن چوڭ كۆلەمدىكى ئوقۇش پۇلى بىلەن ئوقۇتىدۇ. بارغاندا مېھمانخانا دەرىجىسىدىكى ياتاق، ھەتتا ئۇنىڭ تامىقىغىمۇ ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. يەرلىك ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا ئون ھەسسە يۇقىرى ئۇقۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. مۇنداق ئېلانلار ئاخىرقى ۋاقىتتا قازاقىستاننى قاپلاپ كەتتى. ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا 30 دوللار بېرەلمەيدىغان خىتاي قازاق يىگىتلىرىنى باكالاۋر، ماگىستىر ئوقۇشىنى ئوقۇشقا چاقىرىپ ئاۋارە بولۇۋاتىدۇ؟ بۇ - ‹Soft Power› (يۇمشاق كۈچ). ئۇلار ئوقۇتىدۇ، پۇلىنى سۇدەك چاچىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇلارنى خىتايپەرەس بىر كۈچكە ئايلاندۇرۇپ چىقىدۇ.»

ئەمدى «ئاباي قازاقىستان» تورىدىكى «خىتايدىن كەلگەن يىگىتنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى» دېگەن ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭنىڭ بىر ئالىي مەكتىپىنى ئەلا باھالار بىلەن تاماملىغان قازاقىستانلىق ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ مەخسۇس ئورگانلىرى تەرىپىدىن بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قازاقىستاننى سەگەكلىككە چاقىرغان.

ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «قىسقىسى قازاقىستان كۆزىنى ئېچىپ، ھوشىنى يىغقىنى ئەۋزەل. خىتايدا ئوقۇۋاتقان 20 مىڭ قازاقىستانلىق ئوقۇغۇچىنى قەتئىي ھالدا سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈشىمىز لازىم. مەملىكەتنىڭ رۇخسىتىسىز ھەر كىم ئۆزى بىلگىنىچە خىتايغا بېرىپ ئوقۇۋېرىدىغان پەرۋاسىزلىقنى توختىتىش، خىتاي تىلىنى ئۆگىتىدىغان ئوقۇش ئورۇنلىرىنى قەتئىي ھالدا سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ، خىتاي خىراجىتى بىلەن ئېچىلغان ئوقۇش ئورۇنلىرىنى يېپىش كېرەك.»

بۇ ھەقتە قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىسلەر نېمە دەيدۇ؟

تونۇلغان سىياسەتشۇناس، جەمئىيەت ئەربابى جاسارال قۇئانىشالىن خىتاينىڭ ئوقۇش ئورۇنلىرىدا بىلىم ئېلىۋاتقان چەتئەللىك، شۇ جۈملىدىن قازاقىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ئىدىيەسىدە تەربىيىلىنىپ چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «شەخسەن مەن ئۆزۈم ئۇنداق ئوقۇش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئوقۇغاننى ياخشى كۆرمەيمەن. ئۇنىڭ ئۇ تەرىپىدە شۇنداق خەۋپ بار ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش بولغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى مېڭىسىنى قاياققا بۇرىساڭ بولىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ئورۇسنىڭ تارىخى بىزنىڭ تارىخ بولدى. ئۇلارنىڭ شەخسلىرى بىزنىڭ بولدى. ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى، ئەربابلىرىمىزنى، باتۇرلىرىمىزنى ئۇنتۇدۇق.»

جاسارال قۇئانىشالىن بۈگۈنكى كۈنگىچە ئەنە شۇ رۇسىيەنىڭ تەسىرىدىن چىقالماي، ئۆز تىلىنى، تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى بىلمەيدىغانلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن، شۇنىڭغا ئوخشاش چەت ئەللەردە ئوقۇپ، شۇ مەملىكەتنىڭ مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كېتىدىغان ياشلاردىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ پىكرىچە، چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان قازاقىستانلىق ياشلارنىڭ بىر قىسمىدا قازاقىستانلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا ئىشىنىشكە بولىدۇ.

مۇنداق دېدى: «ئەڭ ئاساسلىقى، خىتايدا ئوقۇۋاتقان قازاقىستانلىق ياشلارنىڭ كېلەچەكتە خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى جاسۇسلىرى ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ مەملىكەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش تەرەپدارلىرى بولۇشىغا، ئۇلارنىڭ ئىككى تەرەپ مەدەنىيىتىنى، دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىنى تەرغىب قىلغۇچىلار بولۇپ تەربىيەلىنىشىگە تىلەكداشمەن. مېنىڭچە، خىتايغا ئوقۇشقا بېرىۋاتقانلارغا بېرىۋاتقان بېسىمنىڭ كۆپرەكىنىڭ ئەنە شۇ مەقسەتتە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. ئەگەر، ئۇ ياشلىرىمىز پەقەت خىتاي ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلغۇچىلار بولۇپ تەربىيەلەنسە، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ مەملىكىتىمىز ئۈچۈن پايدىسى بولمايدۇ.»

ئىگىلىشىمىزچە، خىتايدا بىلىم ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلارنى بولۇپمۇ خىتايدىكى ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى، ئۇنىڭ باھاسىنىڭ ئەرزانلىقى ھەم شارائىتنىڭ قوللايلىقى كۆپرەك قىزىقتۇرىدىكەن.

قازاقىستانلىق تىلشۇناس ئالىم دىلنۇر قاسىموۋا خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مىللىي ئاڭ-سېزىمىنىڭ قانداق ھالەتتە شەكىللىنىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر بالىلىرى ئۆز خەلقىنىڭ قانچىلىك ئەھۋالدا قالغانلىقىنى، ئېزىلىۋاتقانلىقىنى، زېمىنىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ‹ماڭقۇرت›، ‹مىنكۇخەن› بولۇپ ئۆسىدۇ. بۇ، ئەلۋەتتە، ئېچىنارلىق ئەھۋال. راست، ھازىر چەتئەللەردە تەربىيىلىنىۋاتقان بالىلارنىڭ مىللەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى تونۇشى ناھايىتى ئاز.»

دىلنۇر قاسىموۋا ئۇيغۇرلار مەيلى قايسى دۆلەتتە ياشىمىسۇن، ياش ئەۋلادلىرىنى مىللىي كىملىك بىلەن تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ كېلەچەكتە ئۆز خەلقىگە خىزمەت قىلالايدىغان ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە ھەر قانداق بىر خەلق ئۈچۈن مىللىي مائارىپسىز تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت