ئەنە شۇنىڭدىن بېرى قازاقىستان ئالىملىرى، ئانالىزچىلىرى، ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلىرى قازاق خەلقىنىڭ ئۆتمۈش تارىخى، ئۇنىڭ چەتئەل باسقۇنچىلىرىغا قارشى يۈرگۈزگەن كۆپ يىللىق كۈرىشى، سوۋېت تۈزۈمى ھەم كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ يۈرگۈزگەن سىياسىتى ۋە ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلىرىنىڭ نەتىجىلىرى، بۈگۈنكى قازاق مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ئىدىيىسى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى، ئاڭ-سېزىمى ۋە دۇنيا تونۇشى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە. ئۇلار قازاقلاردىن تاشقىرى مەملىكەت ھەم ئۇنىڭدىن سىرتىدا ياشاۋاتقان باشقىمۇ ئېتنىكلار توغرىلىق پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
يېقىندا «سېنتىر ئاسىيا» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «مىللىي ئوخشاشلىق. قازاق مىللەتچىلىرىنىڭ تىل ئىلمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئۈچۈن كۈرىشى» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى تونۇلغان سىياسەتشۇناس، تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئەزىمباي غالى مىللىي ئوخشاشلىق ھەققىدە ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن:
- ئەگەر مىللەت ئۆز مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن سەپەرۋەرلىك زۆرۈر دەپ ھېسابلاشنى خالىمىسا ياكى زۆرۈر دەپ ھېسابلانمىسا ياكى زۆرۈر دەپ ھېسابلىمىسا، ئۇ چاغدا ئۇ مىللەت ئەمەس. بۇ، مىللەت ئالدى ياكى مىللەت ئارقىسىدۇر. سەپەرۋەرلىكنىڭ تېمىسى ۋە ئارتۇقچىلىقى نېمىدە بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى تېررىتورىيىلىك پۈتۈنلۈكتە بولۇشى مۇمكىن.
ئەزىمباي غالى قازاقلارنىڭ ئۆتمۈشتە جۇڭغارىيە، ئۆزبېك خانلىقى، تۈركمەنلەر، خىتاي بىلەن ئۇرۇشلار ئېلىپ بېرىپ، ئۆز زېمىنىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى، پەقەت رۇسىيە مۇستەملىكىسىگە قارشى 300 قېتىمغا يېقىن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنلىكىنى، قازاق خەلقىنىڭ چەكسىز سەۋىرلىكلىكى تۈپەيلى ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى ئېغىر سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئە. غالى ئاسسىمىلياتسىيە مەسىلىسىگە توختىلىپ، قازاقلارنىڭ ئۆزبېكىستاندا ئۆزبېكلەر، رۇسىيىدە رۇس ۋە تاتارلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ مۇنداق دېگەن:
- ئەمما، قازاقىستان قازاقلىرىنىڭ باشقا ئېتىنىكلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش جەريانى باشلاندى ھەم ئۇ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن باشلاندى. ئاخىرقى 10 يىلدا (1999-2009) ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆسۈشى 20 پىرسەنتتىن كۆپ بولۇشنىڭ ئورنىغا پەقەت 7 پىرسەنت بولغان. بەلكىم بۇ جەريان ئۆزبېكلەردىن باشلانغان. ئۇيغۇرلار ۋە ئۆزبېكلەر ئاسسىمىلياتسىيە ئالدى باسقۇچىدىن ئۆتتى، بۇ ئېتنىكلارنىڭ 80 پىرسەنتىگە يېقىنى قازاق تىلىنى ئىگىلىگەن.
ماقالە ئاپتورى رۇس، ئوكرايىن، بېلورۇس ۋە نېمىسلارنىڭ مەملىكەتتىن تېز كېتىشى نەتىجىسىدە قازاق تىللىق رايونلارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى كۆرسىتىپ، 2009-يىلدىن باشلاپ قازاق تىلىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسكەنلىكىنى، ئەمدى رۇس، ئۆزبېك ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇيدىغانلار سانىنىڭ ئازىيىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ رۇس گۇرۇپپىلىرىنىڭ قىسقىراپ، قازاق گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستان ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شاۋكەت ئۆمەروف بۇ ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
