قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2016-01-18
Share
merwanem-toxtayewa.jpg ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىمى مېرۋانەم توختايېۋا(ئوڭدا).
RFA/Oyghan

قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەملىكەتتە ياشاۋاتقان باشقىمۇ مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى ساقلاپ قېلىشى، ئۆتمۈش تارىخىنى ئۆگىنىشى، مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشى ئۈچۈن مۇمكىن بولغان بارلىق شارائىتلارنى يارىتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم.

مەكتەپلەر، مەدەنىيەت مەركەزلىرى، تىياتىرلار، گېزىت ۋە ژۇرناللار ۋە باشقىلار شۇنىڭ يارقىن ئىسپاتى بولماقتا. ئۆزبېك، ئۇيغۇر، تاجىك، تاتار، ئەزەربەيجان، تۈرك ۋە باشقىمۇ مىللەتلەر ئۈچۈن ھازىر بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشتۇر.

بۇ يۆنىلىشتە شەخسەن قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ قوللاپ-قۇۋەتلىشى بىلەن قازاقىستان خەلقى ئاسسامبىلېيىسى يەكشەنبىلىك مەكتەپلەرنى ئېچىش ھەم ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنى ماددىي تەمىنلەش بويىچە بىر قاتار ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. بۇنىڭدىن تاشقىرى جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلەر، يۇرت-جامائەتچىلىك ۋە بەزى مىللەت جانكۆيەرلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا تىل ئۆگىنىش كۇرسلىرىمۇ ئېچىلغان ئىدى. شۇلار ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش كۇرسلىرىمۇ ئېچىلىپ، ئۇلار ھازىرغىچە ئىشلەپ كەلمەكتە.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان، شۇنداق كۇرسلارنى دەسلەپ ئاچقان پېشقەدەم ئۇستاز ئەختىرىم ئەخمەتوۋا بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «1992-يىلى109-مەكتەپتە مەن ئۇيغۇر تىلىدىن قوشۇمچە دەرس ئاچتىم. بىر سائەتنى ئۇيغۇر تىلىغا، ئەدەبىياتىغا، تارىخىغا بۆلدۈم. ئادەم كۆپ كەلدى. قازاقىستان مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن مىللەتلەر ئاسسامبىلېيىسى قۇرۇلدى. ئەل بېشىمىز نۇرسۇلتان نازاربايېف ھەممە مىللەتلەرگە يەكشەنبىلىك مەكتەپلەرنى ئېچىپ بەردى. ئالماتادا دوستلۇق ئۆيىدە سىنىپلار ئېچىلىپ، ھەر بىر مىللەت ئۆزىگە لايىق قىلىپ ياساۋالدى. مۇشۇ كۈنگىچە ئۇ يەردە ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، تارىخى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، رەسىم-قائىدىلىرى توغرىسىدا دەرس ھەر يەكشەنبىدە بولىدۇ.»

ئە. ئەخمەتوۋانىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر كۇرسلار بەزى رۇس تىللىق مەكتەپلەردە ئۇيغۇر سىنىپلىرىنى ئېچىش مۇمكىنچىلىكىنى ياراتقان. بۇ ئىشلارغا يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى، زىيالىيلار كۆپ كۈچ چىقاردى. ئۇلار جاي-جايلاردا ئانا تىلىنى تەشۋىق قىلىپ، پەقەت ئالماتا شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا بىر نەچچە مەكتەپلەردە ئۇيغۇر سىنىپلىرى ئېچىلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىرغىچە ئىشلەۋاتقان بولسا، بەزىلىرى ھەر خىل سەۋەبلەرگە كۆرە يېپىلىپ كەتتى.

ئالماتا شەھىرىدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتى مۇئەللىمى مېرۋانەم توختايېۋا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئەنە شۇنداق يەكشەنبىلىك مەكتەپلەرنىڭ ۋە كۇرسلارنىڭ ئىش-پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ھەقىقەتنى ئېيتىش كېرەككى، قازاقىستان ھۆكۈمىتى مۇستەقىللىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپلا بىزگە ئوخشاش مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىنىشىگە، ئانا تىلى ئارقىلىق ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، ئەدەبىياتىنى، سەنئىتىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىنىشىگە كەڭ يول ئېچىپ بەردى. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ھەممىسى بىلەن ئۇيغۇر بالىلىرى ئوقۇتۇش ئۇيغۇر تىلىدا يۈرگۈزۈلىدىغان مەكتەپلەردە تونۇشىدۇ. ئەمدى بىزنىڭ مەقسىتىمىز بولسا، رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان ئۇيغۇر بالىلىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى خالىغان باشقا مىللەت ۋەكىللىرى ئۈچۈنمۇ كۇرسلارنى ئېچىپ، دەرس ئۆتكۈزۈش. سەۋەبى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى خالايدىغانلارنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپىيىۋاتىدۇ. مېنىڭ بۇ يۆنىلىشتە ئىشلەۋاتقىنىمغا مانا ئون يىلدىن ئوشۇق ۋاقىت بولدى. مەن قازاقىستان خەلقى ئاسسامبىلېيىسى يېنىدا ئېچىلغان يەكشەنبىلىك مەكتەپتە ھەم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە، باشقىمۇ جايلاردا ئېچىلغان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش كۇرسلىرىدا ۋە قوشۇمچە ئاجرىتىلغان تىل دەرسلىرىدە ئىشلەپ كەلدىم. يەكشەنبىلىك مەكتەپلەر ئۈچۈن ئاسسامبىلېيە ئۆزى مەخسۇس پۇل ئاجرىتىدۇ. بۇ يەردە پەقەت ئۇيغۇر مىللىتى ۋەكىللىرى ئوقۇيدۇ، ئەمدى كۇرسلاردا بولسا، ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە باشقىمۇ مىللەتلەر ئوقۇيدۇ. ئۇلارمۇ تىلنى ھەقسىز ئۆگىنىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە. بىز، ئەلۋەتتە، پەقەت تىل ئۆگىتىش بىلەنلا چەكلەنمەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ تۈزگەن مەخسۇس پروگراممىمىز بويىچە، مەسىلەن، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزۈپ تۇرىمىز. شۇنداقلا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ھەر خىل فېستىۋاللارنى، سەنئەت كۆرەكلىرىنى، مۇسابىقىلەرنى ۋە باشقىمۇ پائالىيەتلەرنى پات-پاتلا ئۆتكۈزۈپ تۇرىمىز. تىل دەرسلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، مەسىلەن، دىلىنۇر قاسىموۋانىڭ ‹ئۇيغۇر تىلى› كىتابىدىن، شۇنداقلا ئۇيغۇر شائىر-يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى، ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئىلمىي ئەمگەكلەردىن پايدىلىنىمىز. قىسقىسى، ئانا تىلىمىزنى ئۆگىنىمىز دېگۈچىلەر ئۈچۈن بارلىق شارائىتلارنى يارىتىشقا تىرىشىۋاتىمىز. يېقىن ئارىدىلا بىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن قوشۇمچە ‹رۇس-ئۇيغۇر لۇغىتى›نى ئىشلەپ چىقتۇق. بۇ لۇغەت بىلەن خالىغۇچىلار ئىنتېرنېت ئارقىلىق تونۇشالايدۇ.»

م. توختايېۋا شۇنداقلا قازاقىستان خەلقى ئاسسامبىلېيىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركەزلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلات ۋە جەمىيەتلىك بىرلەشمىلەر بىلەن ھەمكارلىقتا ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، پائالىيەتلىرىنىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە يورۇتۇلۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر تىلى بويىچە 2005-يىلدىن باشلاپ مۇستەقىل ھالدا مەخسۇس كۇرسلارنى ئېچىپ ئىشلەپ كېلىۋاتقانلارنىڭ يەنە بىرى دىلىنۇر قاسىموۋادۇر. ئالماتادىكى سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ نامزاتى د. قاسىموۋا مۇنداق كۇرسلار ئالدىدا تۇرغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، شۇنى دېدى: «كۇرسلارنى باشلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئوقۇش قوراللىرىنى تەييارلاش كېرەك. شۇڭلاشقا مەن ‹ئۇيغۇر تىلىنى مۇستەقىل ئۆگىتىش› دېگەن كىتاب يېزىپ چىقىپ، شۇنىڭ ئاساسىدا دەرس بېرىشكە باشلىدىم. مېنىڭ دەرسلىرىمگە ئاساسەن چەتئەللىكلەر قاتنىشىدۇ. ھازىر بولسا بىزنىڭ ياشلىرىمىزنىڭمۇ ئاڭ-سەۋىيىسى ئۆسۈپ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. شەخسەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىغا قويغان پىلانلىرىممۇ بار. بۇ كۇرسلار ئۈچۈن ئوقۇش قوراللىرىنى تەييارلاش.»

د. قاسىموۋا شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىغا قىزىققۇچىلار سانىنىڭ كۆپىيىش سەۋەبىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭمۇ بارلىقىنى كۆرسەتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر قازاقىستاندا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئانا تىلىنى تەشۋىق قىلىش ئىشلىرىغا چوڭ ئەھمىيەت بېرىلمەكتە. مىللىي سەنئەت ئوچاقلىرىنىڭ، مەتبۇئاتىنىڭ، ئەدەبىياتىنىڭ كېلەچىكى ئانا تىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا، مىللىي مەكتەپلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدا ئىكەنلىكىنى ياخشى چۈشەنگەن قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار مەملىكەت تەرىپىدىن يارىتىلىۋاتقان مۇمكىنچىلىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىشقا تىرىشماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت