قازاقىستان مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ بىلىم قانۇنى چىقىرىپ، ياش ئەۋلادقا ساپالىق بىلىم بېرىش مەسىلىسىگە چوڭ دىققەت بۆلۈپ كەلگەنلىكى مەلۇم. باشقا تىلدىكى مەكتەپلەر بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم بېرىۋاتقان مەكتەپلەرمۇ يارىتىلغان شارائىتتىن توغرا پايدىلانغان ھالدا، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرۇپ كەلمەكتە. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئالدىدا ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەر يوق ئەمەس.
بىز بۇ ھەقتە قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ جۇمھۇرىيەتلىك ئېتنو-مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، ئالماتا شەھىرى ئابدۇللا روزىباقىيېف نامىدىكى 153-مەكتەپ-گىمنازىيە مۇدىرى شاۋكەت نىياز ئوغلى ئۆمەروف بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
-ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەر مۇئەللىملىرىنىڭ كەسپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىلىم ساپاسىنى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە ئۇيغۇر مەكتەپلىرى بىرلەشمىسى قانداق ئىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ؟
-بۇ بىرلەشمە جۇمھۇرىيەتلىك مەدەنىيەت مەركىزى يېنىدا قۇرۇلغان. شۇنداق بولغانلىقتىن بىز ئۇنىڭ تۈزۈلگەن پىلانى بويىچە مۇدىرلارغا، يۇرت-جامائەتچىلىككە نەچچىلىگەن يىغىنلارنى، يۇمىلاق ئۈستەللەرنى ئۆتكۈزدۇق. بىراق بۇ، مەكتەپلەرنىڭ ئىلگىرىلىشىدە چوڭ رول ئوينىمىدى. بىز ئۆتكەن يىلى بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھانغا تەييارلايدىغان مۇئەللىملەرنى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ بازىسىدا ئوقۇشقا چاقىردۇق، يەنى 10-ۋە11-سىنىپلار مۇئەللىملىرىگە كېمبرىدج تېخنولوگىيىلىرى بويىچە، زامانىۋى بىلىم بېرىش ئۇسلۇبلىرى بويىچە، بىزنىڭ نازاربايېف ئەقلىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن مۇئەللىملىرىمىز ئۇلارغا دەرس بېرىش، تەييارلاش ئۇسلۇبلىرىنى ئۆگەتتى. بىز مۇئەللىملەرگە ئەمەلىي ئىشنىڭ قانداقلىقىنى ئۆگىتىۋاتىمىز. بىزنىڭ رېژىمىزدا مۇشۇ مەكتەپ مۇدىرلىرىنى بىر ھەپتىلىك يىغىنغا چاقىرىپ، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق بىلىم ساپاسىنى كۆتۈرىمىز دېگەن ئوي بار. بۇ ھەقتە جۇمھۇرىيەتلىك «ئۆرلېئۇ» مۇئەللىملەرنىڭ بىلىمىنى يېتىلدۈرۈش ئىنستىتۇتى بىلەن كېلىشتۇق.
-بەزى مەكتەپلەردىكى بىلىم ساپاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىپ بارغانلىقىنى قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك دەپ ئويلايسىز؟
-ھەممە نەرسە ئۆزىمىزگە باغلىق. بۈگۈنكى كۈندە ۋىلايەتتىكى مەكتەپلىرىمىزنىڭ دەرىجىسىنىڭ چۈشۈپ كېتىپ بارغىنى كەسىپ ئىگىسى مۇئەللىملەرگە، مەكتەپ مەمۇرىيىتىگە باغلىق. ئەگەر مەكتەپ مەمۇرىيىتى كادىر مەسىلىسىدە قەبىلىۋازلىق قىلماي، پارىخورلۇق قىلماي، ياخشى مۇتەخەسسىسلەرنى ئىشقا قوبۇل قىلسا، ئۇلار ياخشى بىلىم بەرسە، بالىلارغا تەلەپنى يۇقىرى قويسا، ئەلۋەتتە، بىلىم ساپاسى كۆتۈرۈلۈپ، بالىلار سانى كۆپەيگەن بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن قازاقىستاندىكى مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك.
-بۇنىڭغا قازاقىستاندا قانچىلىك شارائىت يارىتىلىۋاتىدۇ؟
-ئەلۋەتتە، بىزنىڭ پرېزىدېنتىمىزنىڭ چوڭ سىياسىتى. بۈگۈنكى كۈندە بىز قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ 20 يىللىق تەۋەللۇدىنى نىشانلاۋاتىمىز. ئاساسىي قانۇنىمىز ئانا تىلىدا بىلىم ئالىدىغانغا، ئانا تىلىمىزدا سۆزلەيدىغانغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. مۇشۇ ئاساسىي قانۇندىن پايدىلانغان ھالدا، بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىز، ئاتا-ئانىلىرىمىز كۈچ چىقارسا، بىلىم ساپاسى كۆتۈرۈلەتتى. پرېزىدېنتىمىزنىڭ مەكتۇپى بويىچە 2030-يىلى 30 تەرەققىي ئەتكەن دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بىلىم سەۋىيىمىز يۇقىرى بولۇش كېرەك. شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ.
-مەلۇم بولۇشىچە، مىللىي مەكتەپلەرگە بالا توپلاش بۈگۈنكى كۈندە پۈتكۈل ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئالدىدا تۇرغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. مۇشۇ يۆنىلىشتە ئېنىق قانداق ئىشلار قىلىنىۋاتىدۇ؟
-2008-ۋە 2009-يىلى كوچا يىگىت باشلىرى ھەم بىزنىڭ چوڭ يىگىت بېشىمىز مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ باشلىقى بىلەن كوچىمۇ-كوچا يۈرۈپ، تەشۋىقات ئىشىنى يۈرگۈزدى. سەۋەبى شۇ يىلى مەكتەپتە 600 بالا قالغان ئىدى. بىز شۇنىڭغا موھتاج بولغان ئىدۇق. كېيىنكى يىلى تەشۋىقات ئىشىنى توختاتتۇق. بۈگۈنكى كۈندە تەشۋىقات قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. سەۋەبى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ياخشى مەكتەپتە بىلىم ئېلىشىنى خالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەكتەپ كوللېكتىپى مەكتەپ مەمۇرىيىتى بىلەن بىرلىكتە مەكتەپتىكى بىلىم ساپاسىنى كۆتۈرۈشى كېرەك. بىلىم ساپاسى كۆتۈرۈلسە، بالىلىرىمىز ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشىدىغان ئەھۋالدا بولالىسا، رىقابەتكە تەييار بولىدىغان بولسا، ھەر قانداق ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ بالىسىنى شۇ مەكتەپكە ئاپىرىدىغانغا تەييار. ئۇلار ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ دەرىجىسى چۈشكەنلىكتىن، بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھانغا ئاز دائىرىدە قاتناشقانلىقتىن بالىلىرىنى باشقا مەكتەپلەرگە بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر، ئەكسىچە، بىز بىلىم ساپاسىنى كۆتۈرمەي، تەشۋىقات قىلىدىغان بولساق، تەشۋىقات قىلغۇچىلارنىڭ تىلى قىسقا بولىدۇ، بىز پايدا ئەمەس، زىيان ئېلىپ كېلىمىز.
-ھازىر بولۇپمۇ يېزا مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا بىلىم ئېلىۋاتقان بالىلارنىڭ سانىنىڭ ئازىيىپ كېتىپ بارغانلىقى بايقىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدە؟
-سەۋەبى مەكتەپتىكى بىلىم ساپاسى چۈشۈۋاتىدۇ، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بالىلىرى رىقابەتكە تەييار ئەمەس، ئالىي ئوقۇش ئورۇنلىرىغا چۈشىدىغان ۋاقىتتا بىر تۇتاش مىللىي ئىمتىھانغا قاتناشمايۋاتىدۇ، مەكتەپ مۇدىرلىرى قاتناشتۇرغۇزمايۋاتىدۇ، مۇئەللىملىرى تەييارلىمايۋاتىدۇ، بىلىم تۆۋەن. بالىلارنىڭ كېلەچىكى ئۇ ئائىلىنىڭ كېلەچىكى. ھەر بىر ئاتا-ئانا ئۆز بالىسىنىڭ پۇختا بىلىم ئېلىپ، كېلەچەكتە ياراملىق بولۇشىنى خالايدۇ. بىلىم ساپاسى ئانا تىلىدا ئوقۇغاندىلا يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئەگەردە مىللەتنىڭ 30 پىرسەنتى ئانا تىلىدا بىلىم ئالمىسا، شۇ تىلنىڭ يوقاپ كېتىش خەۋپى بار. شۇنىڭ ئۈچۈن يېزىلاردىكى مەكتەپلىرىمىزنىڭمۇ ساپاسىنى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.