تىل بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ نامايەندىسى. ئانا تىل ئىنسان ئۈچۈن قىممەتلىك بىر ئاچقۇچ، ئۇ تىل ئارقىلىق نۇرغۇن تىلسىماتلارنى ئاچالايدۇ. ئىنسانلار مۇناسىۋەت قىلىشتا ئانا تىلى بىلەن ئۆز-ئارا يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق روھىي جەھەتتىن مەنىۋى زوق ئېلىپ ياشاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تىلنىڭ يەنە نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى مەۋجۇت. بۇ ئالىملارنىڭ ئورتاق يەكۈنىدۇر.
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تىلشۇناس قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىيات جەريانى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ھازىر خىرىسقا دۇچ كەلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقانلىقى ھەم ۋە چەتكە قېقىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
قۇددۇس ھاپىز سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى سەۋەبىدىن ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىشنىڭ قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالىي مەكتەپتىلا چەكلىنىپ قالماستىن بەلكى پۈتۈن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىمۇ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مائارىپنىڭ ئارقىغا چېكىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى سۆزىدە يەنە تۈرك ۋە باشقا مىللەت ئالىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ۋە پىكىر-قاراشلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى ۋە ئۇيغۇر تىل يېزىقىنىڭ دۇنيادىكى ئىنگلىز، ئەرەب، خىتاي ۋە رۇس تىللىرىدىن قېلىشمايدىغان مۇكەممەللىككە ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.
تىلشۇناس ئۇيغۇر تەتقىقاتچى قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى توغرىسىدا، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق ئالىملار بايان قىلغان مىساللارنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.
قۇددۇس ھاپىز ئەپەندى سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقىنى قوللىنىشنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشقان ئەرەب يېزىقىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر كونا يېزىقنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىنتېرنېت تور دۇنياسىدىمۇ شۇ يېزىقنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.