قازاقىستاندىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ قوش تىل مائارىپىنى قازاقىستان كۆپ تىللىق مائارىپىغا سېلىشتۇردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016-05-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئالماتادىكى ئۇيغۇر گىمنازىيىسىدە ئانا تىل كۈنىنى خاتىرلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
ئالماتادىكى ئۇيغۇر گىمنازىيىسىدە ئانا تىل كۈنىنى خاتىرلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش
RFA/Oyghan

قازاقىستان ئۈچ تىللىق يەنى دۆلەت تىلى قازاق تىلىدا، مىللەتلەر ئارا تىل رۇس تىلىدا ۋە خەلقئارا تىل ئىنگلىز تىلىدا بىلىم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئالدىدا تۇرىدۇ.

ئىگىلىشىمىزچە، ھازىر قازاقىستاندا قازاق ۋە رۇس تىللىق مەكتەپلەردىن تاشقىرى يەنە ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە تاجىك تىللىق مەكتەپلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۈچ تىللىق بىلىم بېرىش سىياسىتى ئەمەلگە ئاشقان تەقدىردە بۇ مىللىي مەكتەپلەرنىڭ بالىلىرى ئانا تىلىنى قوشقاندا تۆت تىلنى بىلىدىغان بولۇپ چىقىدىكەن. قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەر قازاقىستاننىڭ بۇ خىل تىل سىياسىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپى» بىلەن سېلىشتۇردى.

شۇنداقلا ئۇلار يەنە، ھازىرقى ۋاقىت قازاقىستاننىڭ بۇ يېڭى مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش جەريانلىرىدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىغا ئېلىپ كەلگۈسى سەلبىي تەسىرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ھالقىلىق بىر باسقۇچ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلەردىن دىلنۇر قاسىموۋا ۋە ئالىمجان ھەمرايىف ئەپەندىلەر مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەلۇمكى قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن قازاق تىلىنى قۇتۇلدۇرۇش بىلەن تەڭ، ھەر قايسى مىللەت تىلىنىڭ ئەركىن، باراۋەر تەرەققىي قىلىشى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىلگەن. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش ھەمدە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى تەتقىق قىلىش تېمىلىرى بويىچە، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە رۇس تىلىدا كىتاب يېزىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى تونۇشتۇرغان ئالماتىدىكى تىلشۇناس دىلنۇر قاسىموۋا خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۈچ تىللىق بىلىم سىياسىتىگە كۆچۈش زامان تەلىپى بولغانلىقتىن ئوتتۇرىغا چىققان بىر توغرا سىياسەت دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا دەرس بېرىۋاتقان مەكتەپلىرىدە ئوخشاش سىستېما ۋە تەلەپ بىلەن يولغا قويۇلغاندا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ سالمىقى ۋە نەتىجىسىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە «قازاق تىلى ئوقۇتۇشى كۈچەيتىلگەندە دۆلەت تىلى بولغان قازاق تىلى ئۇيغۇر تىلىغا يېقىن تىل بولغاچقا ئانا تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ سالمىقى بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىمىغاندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ دۆلەت تىلى سۈپىتىدىكى قازاق تىلىغا ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئويلاشماي بولمايدۇ. بۇ خىل تىللار ئارىسىدىكى رىقابەتتە ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش، ئانا تىلىمىزنى پۇختا بىلىپ، شۇ دەرىجىدە باشقا تىللارنى ئۆگەنگەندە بالىلارنىڭ كېلەچىكى بولىدۇ شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ كېلەچىكىمۇ شۇنىڭغا باغلىنىشلىق» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

دىلنۇر خانىمنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يولغا قويۇۋاتقان قوش تىل مائارىپىنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دېيىشكە بولىدۇ، بۇ خىل ئاسسىمىلياتسىيەنىڭ تەسىرى ئويلىغاندىنمۇ تېز بولۇشى مۇمكىن. دىلنۇر خانىم يەنە مۇنداق دەپ ئوتتۇرىغا قويدى «بۇ قوش تىل مائارىپىنىڭ تەسىرىدە مۇبادا ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئۇيغۇر مىللىي مائارىپى ۋە تىلى يوقايدىكەن، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىلىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، چۈنكى ئۇ قازاقىستاندا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاۋاتقان ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىنىڭ ھاياتلىق بۇلىقى-ئۇيغۇرلار ۋەتىنى. ئانا تىلىنىڭ ئىشلىتىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى مىللىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ.»

«تىل-مىللەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن تىل مەسىلىسى-مىللىي مەسىلىلەرنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا مىللىي باراۋەرلىكنى، جەمئىيەتنىڭ تۇراقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھالقىلىق نازۇك مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. مىللەتلەرنىڭ تىلىغا قانداق مۇئامىلە قىلىش-مىللىي مەسىلىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىش ياكى قىلالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك زور مەسىلە» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان رۇسىيە تەبىئىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزاسى، فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قازاقىستاندا ئوبيېكتىپ شارائىتتا مەيدانغا چىققان 3 تىللىق سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۈچ تىللىق بىلىم بېرىش سىياسىتى قازاقىستاندىكى مىللىي مەكتەپلەردە قانداق يۈرگۈزۈلۈشى قېلىپلاشمىغان ھازىرقى پەيتنى چىڭ تۇتۇپ نۇرغۇن ئېچىنىشلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش يولىنى تېپىش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش ئېھتىماللىقلىرىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مىللەتلەر تىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا بەلگىلىك تەجرىبىلەرگە ئىگە بولدى، بۇ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارغىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بار، قازاقىستاننىڭ تەجرىبىسىدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى، بىر تىللىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر ۋە زور بولىدۇ، ئۇنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈنمۇ ئۇزۇن مەزگىل كېتىدۇ. خىتاي بىلەن قازاقىستاننىڭ تىل سىياسىتىدىكى پەرق ھەققىدە خۇلاسىگە كەلسەك، خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىۋاتقان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپىنى قوش تىللىق دېيىشكە بولمايدۇ، بۇ بىر تىللىق دۆلەت تىلى سىياسىتى. قوش تىل بولغاندا ھەر ئىككى تىلدىكى مىللەتلەر بىر ‏-بىرىنىڭكىنى ئوخشاش دەرىجىدە، ئوخشاش نورمىدا ئۆگىنىشى كېرەك، يەنى ئۇيغۇرلار خىتاي تىلىنى ئۆگەنگەندەك، خىتايلارمۇ ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ بىرلا دۆلەت تىلى سىياسىتى، شۇ دۆلەتتە مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىشقا ئاشماسلىقىدا ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە خىتايغا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلارغا بىر تەرەپتىن مىللىي باراۋەرلىكنى تەرغىب قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي تىلنى چەتكە قاقتى. قانۇن تۇرغۇزۇشتا تىلىنى كەمسىتىشكە دائىر ماددىنى تاپقىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە مىللىي مائارىپقا، تىلغا سەل قارايدىغان ھادىسىلەر يۈز بەرمەكتە.»

كۆپ تىللىق سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئوخشاش مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن ئالىمجان ھەمرايىف ئەپەندى يەنە كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەردە قازاقىستان جۈملىدىن خىتاينىڭمۇ مىللەتلەر تىلى مەسىلىسىنىڭ مۇھىملىقىغا، مۇرەككەپلىكىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭ مىللەت تىلىنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن تەڭ، مىللىي مەكتەپلەرنىڭ ئانا تىلىنىڭ تەقدىرى، كېلەچەكتىكى تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئىلمىي بولغان تىل سىياسىتىنى بەلگىلەپ چىقىش زۆرۈر دېدى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ياۋروپا بىخەتەرلىك كېڭىشى تەۋەلىكىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان تىل مائارىپ سىياسىتىنى ئۇزاق يىللىق ئەمەلىي تەجرىبىدىن يەكۈنلىگەن «گائاگا تەۋسىيىسى» نى ئۈلگە قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىقلىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر دوكتور ئالىمجان ھەمرايېف 20-ئاپرېلدا گوللاندىيەنىڭ گائاگا شەھىرىدە چاقىرىلغان «ئاز سانلىقلارنىڭ كۆپ تىللىق مائارىپ پىلانى يىغىنى» غا قاتناشقان ئىدى. ئۇنىڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى، مەدەنىيىتىنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمدە شۇ دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا قانداق جەلپ قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تىللىق مەكتەپلەردىمۇ كۆپ خىل تىلدا تەڭ ئوقۇتۇش پروگراممىسى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلماقتا، قازاقىستاندىكى كۆپ تىللىق بىلىم بېرىش پروگراممىسى ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ لايىھىسى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت