خىتاينىڭ «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» نى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2017.03.22
shinjang-sinipi-yuzhengsheng.jpg خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش رەئىسى يۈ جېڭشېن شىنجاڭ سىنىپىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە. 2-16-يىلى 6-سېنتەبىر، تيەنجىن.
XINHUA

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 2000‏-يىلى خىتاي ئۆلكىلىرىدە «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» نى تەسىس قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى. ئۇلار، دەسلەپكى يىلى 1000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مائارىپ مىنىستىرلىقى 2013-يىلىدا بارىدىغان ئوقۇغۇچى سانىنى بىراقلا 10 مىڭغا يەتكۈزگەن، يېقىنقى يىللاردا ئوقۇغۇچى سانى ئىزچىل بىر تۈمەندىن يۇقىرى بولۇپ كەلمەكتە.خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلغان «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇر سىنىپى» دا ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ 90%tin كۆپرەكى ئۇيغۇر بالىلار بولۇپ ئاساسەن جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن قوبۇل قىلىنماقتا.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا ئېچىلغان «ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» نىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەھۋالىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە تەسىس قىلىنغان «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» غا قارىتا باشقۇرۇش ۋە سىياسىي تەربىيىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلغان.

ئەمەلىيەتتە 2008-يىلىدىن باشلاپلا، ئۆز ياشاش ۋە مەدەنىيەت، تىل مۇھىتىدىن ئايرىپ تەربىيىلىنىدىغان بۇ ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپلىرى» ئوقۇغۇچىلىرىغا، ھەر يىلى مېڭىشتىن بۇرۇن مۇنتىزىم سىياسىي ئىدىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا ئىدى. دائىرىلەرنىڭ «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان باشقۇرۇش ۋە سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيە-تەشۋىقات ھەرىكىتىنى ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى «شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ 10 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىڭ «تېررورلۇق» قا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز جىددىيلەشتۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇلتۇر ئۆكتەبىردە ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە سىياسىي ئىدىيە مائارىپى تەربىيىلەش كۇرسى» نى ئېچىپ، «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان سىياسىي ئىدىيىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىشنى، بولۇپمۇ دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇش، رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان شۇنداقلا 3000 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەشكىللەپ «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىنى نازارەت قىلىشقا ئەۋەتكەن ئىدى. گەرچە كۆزەتكۈچىلەر، «شىنجاڭ سىنىپى»غا ئاپىرىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيەگە ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بولسىمۇ، كۆزەتكۈچىلەر يەنە، يۇقىرىقى ۋەقەلەردىن «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىدىكى ئومۇمىي كەيپىياتنىڭ ھۆكۈمەت ئارزۇ قىلغاندەك بولمىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

دائىرىلەر ئىلگىرى بۇ ھەقتە چىقارغان يوليورۇقلىرىدا، دىننىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى قەتئىي توسۇش، رادىكاللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا پارتىيىنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن سىياسىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەم قانۇن-تۈزۈم تەربىيىسىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئاتالمىش «شىنجاڭ سىنىپلىرى» ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا «پارلاق كەلگۈسى» يارىتىشتىكى بىر پۇرسەت دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سىياسىتىنى، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئوچۇق ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى دەپ قارايدۇ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن تەڭ، «شىنجاڭ سىنىپى» دەك باھانىلەر بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ ئاپىرىدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىشىنى ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشكە كۈچ ۋە مەبلەغنى ئاشۇرۇشىنى خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ بىر نەتىجىسىنى كۆرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭغا بۇ سىياسەتنى كۈچەيتمەكتە دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكىدىكى تارىخ پەنلىرى دوكتورى قاھار بارات ئەپەندىمۇ مەزكۇر سىياسەتنى كۈچەيتىشىنى تەنقىدلەپ «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتالمىش قوش تىللىق سىياسىتى، ئاتالمىش شىنجاڭ سىنىپلىرىنىڭ ھەممىسىگە ستالىنچە مائارىپ سىياسىتى يەنى ئوچۇق ئاشكارا ئاسسىمىلياتسىيە سۇيىقەستى يوشۇرۇنغان» دېدى ۋە بۇ «شىنجاڭ سىنىپى» دىكى ئۇيغۇر بالىلارغا سىياسىي تەربىيىنى كۈچەيتىشى ئاسسىمىلياتسىيە ئېلىپ بېرىشتىكى بىرىنچى قەدەم يەنى سىياسىي جەھەتتىن كاللىسىنى يۇيۇش ھەرىكىتى دەپ مۇلاھىزە قىلدى.

ئۈمىد ئەپەندى ۋە قاھار ئەپەندى ئوخشاشلا يەنە، خىتايغا ئاپىرىلغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقى، بۇ بالىلارنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بېسىمغا ئۇچرايدىغانلىقىدىن، ئۇلارنىڭ بېشىغا ھەر خىل كۈلپەتلەرنىڭ كېلىشىدىنمۇ بېشارەت بېرىدۇ دېگەن ئەندىشىلىرىنى ئىپادىلەپ «بۇ ئۇيغۇر بالىلىرى خىتاي تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان بالىلار، ئۇلارنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دەرۋەقە «شىنجاڭ سىنىپى» غا ئەۋەتىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر خىل كەمسىتىش ۋە روھىي بېسىملارغا دۇچ كەلگەنلىكى ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە. ئۆتكەن يىلى بىر تور بەتتە چاڭچۈن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمىگە ئائىت ئۇقتۇرۇش ئاشكارىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەسلى ئۆتكەن يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى چاڭچۈن شەھىرىدە 4 نەپەر ئۇيغۇر ياشنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئارىدا ئۈچ نەپىرىنىڭ 18 ئايدىن 3 يىلغىچە بولغان قاماق جازاسى بىلەن جازالانغانلىقى مەلۇم بولدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا يەنە، گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75‏-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى «شىنجاڭ سىنىپى» نىڭ 10 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنىمۇ «تېررورلۇق» قا چېتىپ تۇتقۇن قىلغانلىقى تاسادىپىي ئاشكارىلىنىپ قالغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى «ئۇيغۇربىز» تورى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى دۇڭگۇەن شەھىرىگە جايلاشقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ 7-يانۋار ئەتىگەندە 6-قەۋەتتىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى يەنى«ئۇيغۇربىز» تورىدا «شىنجاڭ سىنىپى»دىكى ئوقۇغۇچىلار «ئوغرىلاپ كېتىلگەن بىر ئەۋلاد» دەپ تەرىپلەنگەن.

بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپى» ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتا نازارەت ۋە تەربىيىنى كۈچەيتىشىگە يەنە نېمىلەرنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» دا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ھالبۇكى، مەكتەپ دائىرىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئوخشاشلا سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. ھەتتا ھازىر چەتئەللەردە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان ئىلگىرى «شىنجاڭ سىنىپلىرى»نى ئوقۇغان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ، يېقىندىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئائىلىسى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ، سىياسىي ئىشلاردىن يىراق تۇرۇش، مەيدانىنى ئېنىق قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلارنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېيتىپ، تېلېفون زىيارەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.