ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 15-ئاۋغۇست سەپەرۋەرلىك يىغىنى چاقىرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى «شىنجاڭ سىنىپلىرى» غا ئاز كەم 3000 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى تەلىم تەربىيە ۋە نازارەتچىلىككە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىۋى تەرەققىياتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىشقا ئەڭ كۆپ ئوقۇتقۇچى چىقىرىشىدۇر.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 2939 نەپەر ئوقۇتقۇچىنى ئىچكىرىدىكى «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى» نى يېتەكلەشكە ئەۋەتىش پىلانى ئىككى يىللىق «ياردەم بېرىش پروگراممىسى» نىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» چۈشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشقا ياردەم قىلىش ئىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن، 15-ئاۋغۇست چاقىرىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارنى ئىتتىپاقلىقنى ئالغا سۈرۈشكە يېتەكلەش، «دىنىي ئەسەبىيلىك»، «بۆلگۈنچىلىك»كە قارشى كۈرەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قەيت قىلىشىچە، مەزكۇر سەپەرۋەرلىك پىلانى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «شىنجاڭ سىنىپلىرى»دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار بارات مۇنداق دېدى: «بۇ بالىلار ئىچكىرىگە بارسا، بەلكىم تور شىنجاڭدىكىگە قارىغاندا ئاجىزراق. شىنجاڭدا كىرەلمىگەن تورلارغا ئۇلار ئىچكىرىدە كىرەلەيدۇ. بۇمۇ شۇ سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئەمدى ئۇلارنىڭ مەقسىتى بالىلارنى خىتايلاشتۇرۇش، خىتاي مەدەنىيىتى، خىتاينىڭ دىنىي، خىتاينىڭ سىياسىتىگە سىڭدۈرۈپ تەربىيەلەش بولغاچقا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇشۇ پىلانلىغان تەلىم تەربىيە نۇقتىلىرىغا نۇقسان يەتمەسلىكى ئۈچۈن نازارەتچى مۇئەللىملەرنى ئەۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن.»
لېكىن قاھار بارات يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىشى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىدا پۇرسەت تېپىلسا ھەر خىل قارشى پىكىر ئېقىملارغا بولغان قىزىقىشنى قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاھار بارات مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە بىر نەرسىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك بولىدۇ. دېمەك، مۇشۇ شىنجاڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىگە بولغان كونتروللۇقنىڭ نەقەدەر قاتتىقلىقىنى شۇنىڭدىن بىلسەك بولىدۇ. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچكىرىگە بارسا، بۇنداق قاتتىق كونترول قىلىشتىن خالى بولغاچقا، بۇلار تورغا كىرىشى ياكى باشقا ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىشى مۇمكىن. بالىلارغا بۇنداق ئىجتىمائىي بېسىم ۋە كونتروللۇقنى كۈچەيتىۋەرسە، بۇ ئىنسانىيەتنىڭ بىر تەبىئىتى، ئۇنىڭ قارشى نەرسىگە بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ.»
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 6-ئاينىڭ باشلىرىدا گۇاڭجۇ شەھەرلىك 75-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى» دىكى 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى «تېررورلۇق» قا چېتىشلىق، دەپ تۇتقۇن قىلغان.
خىتاي ئادۋوكات گې يۇڭشىنىڭ بۇ يىل 20-ئىيۇن رادىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، تۇتقۇن قىلىنغان 2 نەپەر قىز، 8 نەپەر ئوغۇل ئوقۇغۇچىنىڭ گۇاڭجۇ 1-قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. گۇاڭجۇ 1-قاماقخانىسى ۋە 75-ئوتتۇرا مەكتەپ بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى ياكى پىكىر بىلدۈرۈشنى رەت قىلغان ئىدى.
گۇاڭدۇڭدىكى بىر ئۇيغۇر تىجارەتچى ئايالنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر گۇاڭجۇدىكى «شىنجاڭ سىنىپى»نىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىدىكەن. ئۇ، دائىرىلەرنىڭ ئۇلارنى باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچراشتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ: «باشقۇرۇش قاتتىق بۇ يەردە، بالىلارنى چىققىلى قويمايدۇ ئادەتتە مەكتەپنىڭ تېشىغا. مەسىلەن، بىزلەر بېرىپ، بىزنىڭ ئاۋۇ توپ مەكتىپى بارغۇ، داڭلىق گۇاڭجۇدىكى نېمىتى ئىسمى ئۇنتۇپ قالدىم. ئاشۇ يەردىمۇ بىزنىڭ يېقىن يورۇقلارنىڭ بالىلىرى بار، ھەپتە ئون كۈندە كىچىك بالىلار بولغاندىن كېيىن، ئەكېلىپ بۇ يەردە تاماق ئېتىپ مېھمان قىلايلى دېسەكمۇ، ئۇلارنى بىزگە ئاسان بەرمەيدۇ. ئورتا مەكتەپنىڭ بالىلىرىنىمۇ شۇنداق شۇ، ئاسانلىقچە ئۇنداق خەققە رۇخسەت قىلمايدۇ» دېدى.
لېكىن ئۇ يەنە، «شىنجاڭ سىنىپلىرى»دىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكى قاتتىق تەقىب قىلىنىدىغانلىقىغا دائىر بەزى نازۇك سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلىپ، «ھەممە ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى بولىدۇ» دېدى.
ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدى ھەممە ئادەمنىڭ ئەركىنلىكى بولىدۇ. مائارىپمۇ بالىلارنى ياخشى بولسۇن، دەيدۇ دەڭ. ئىككىگە بۆلۈنۈپ كاللىسى ئۇنى قىلمىسا تېخى، بۇنى قىلمىسا تېخى، بالا دېگەن ئوقۇغاندىن كېيىن چوقۇم شۇنىڭغا لايىق ئوقۇسا بولىدۇ. ئوقۇيالمىغانلار بىزگە ئوخشاش ئاشۇنداق تىجارەتچى ياكى ئىشلەمچى بولۇپ چىقىدۇ، ئوقۇمىغانلارچۇ، ئەمدى ئوقۇغان ئىكەنمىز چوقۇم ئاشۇنداق مائارىپنىڭ دېگىنى بويىچە ئوقۇپ، ئاشۇنىڭغا لايىق ئادەم بولۇپ پۈتتۈرۈپ چىقسا شۇ ياخشىغۇ.»
لېكىن دوكتور قاھار بارات، خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىنىپلىرى»نى كېڭەيتىشىدىكى مەقسىتى خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر بالىلىرىغا سىڭدۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، 15 ياش بىلەن 18 ياش ئارىلىقى بالىلاردا مەدەنىيەت كىملىكى تىكلىنىشنىڭ «ھالقىلىق دەۋرى» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ : «ئەگەر بىزنىڭ بالىلىرىمىز 18 ياشقا كىرگىچە داۋاملىق مۇشۇ خىتاي مەكتەپلىرى، خىتاي مەدەنىيىتى، خىتاينىڭ تارىخىي، خىتاينىڭ تىلى مۇشۇ مۇھىتتىلا چوڭ بولسا، ئۇلار ئۆزىمىزنىڭ تىل-ئەدەبىيات، ئەنئەنە، تارىخ ۋە ئۆرپ-ئادەت بۇ نەرسىلىرىمىزنى ئۇقمايدۇ. گەرچە ئاتا-ئانىلىرى ياكى ئۇيەر-بۇيەردىن ئاڭلىغىنى بىلەن ھەقىقىي ئۇنىڭ ئىچىدە نېمە بارلىقىنى ئۇقمايدۇ. بالىلارنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچىدىغان ۋاقتى، بىلىدىغان ۋاقتى ئاشۇ. بۇ نەرسە چەتئەلدىكى بالىلارغىمۇ ئوخشاش.
ئۇيغۇر بالىلىرى 15 ياشتىن 18 ياش ئارىلىقىدا ئەگەر ئۇيغۇرچىنى ئۇقمىسا، ئۇيغۇرنىڭ تارىخىي، ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيىتىدىن بىخەۋەر بولسا، ئۇنىڭدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ ئوقۇشى ئۇ تەس» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2000-يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى»نى تەسىس قىلىشقا باشلىغان. ئۇ، دەسلەپكى يىلى 1000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى 16 يىل جەريانىدا ئوقۇغۇچى سانى ئىزچىل كۆپىيىپ، 2014-يىلى 9880 نەپەرگە يەتكەن ئىدى. دائىرىلەر يېقىنقى 3 يىلدىن بېرى بۇ كۆلەمنى ئىزچىل ساقلاپ كەلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 15-ئاۋغۇست ئېچىلغان سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا جاڭ چۈنشيەن يەنە، «شىنجاڭ سىنىپلىرى»غا ئەۋەتىلىدىغان نازارەتچىلەرنى «شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمىنلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم كۈچ.... 3 خىل كۈچلەرنىڭ ئىچكىرىدىكى مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنى توسۇيدىغان مۇستەھكەم سەپ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئۆز-ئارا ئالاقە ۋە ئۆز-ئارا سىڭىشىشتىكى كۆۋرۈكلۈك ھالقا» دەپ تەرىپلىگەن.
