شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلەر ئانا تىلىنى پۇختا ئىگىلىمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىھسان
2015.02.25
shiwetsiye-uyghur-mehmud-qeshqiri-ana-til-mektep.jpg شىۋېتسىيەدىكى مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى
RFA/Ihsan


ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىش، ئۆز كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئائىلىدە ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىش، ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇش، ئۇيغۇرچە كارتونلارنى كۆرۈشكە شارائىت ھازىرلاپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ تەۋەلىكىدىكى ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇش مەركەزلىرىگە ئاپرىپ بېرىپ سېستىمىلىق ھالدا تەربىيىلىنىشىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

ئۇيغۇرلارنىڭ شىۋىتسىيەگە يەرلەشكەنلىكىگە 15يىلدىن ئاشتى. شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلى بىلەن تەربىيىلەشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى تولۇقلاش مەقسىتىدە شىۋېتىسيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە 2007 - يىلى شىۋېتسىيەدە رويخەتكە ئېلىنىپ قۇرۇلغان مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى، ئىلغار مېدىئا ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا دەرسىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، جانلىق ئوقۇتۇش مۇھىتى يارىتىپ، بالىلارنىڭ خاراكتېرىغا ماس ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان قىزىقىشىنى ئويغىتىش ھەمدە ۋەتەن سىرتىدىكى مۇھىتتا بولسىمۇ ئۇلارنى ئۆز ئانا تىلدا مۇكەممەل سەۋىيىگە يىتىپ، ئۆز تىلى ۋە كىملىكىنى قوغداش روھىغا ئىگە قىلىپ تەربىيىلەشنى نىشان قىلدى.

بۇ مەكتەپتە ھازىر 20 نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنت ئوقۇيدىغان بولۇپ، 5 ياشتىن 6 ياشقىچە بالىلار بىر گۇرۇپپا، 7 ياشتىن 8 ياشقىچە بالىلار بىرگۇرۇپپا بولۇپ دەرس ئۆتۈلمەكتە.

بالىلارغا ئاساسلىق قىلىپ ئانا تىل ساۋادى، ئىسلام ئاساسلىرى، ئەخلاق، جۇغراپىيە، تارىخ قاتارلىق پەنلەردىن دەرسلەر ئۆتۈلىدۇ.

دەرسلەرنى بولسا ئۇيغۇر دىيارىدا ئالىي مەكتەپلەرنى پۇتتۇرگەن، كەسپىگە پىششىق، تەجرىبىسى مول بولغان خانىم قىزلار ئۆتىدىكەن.

شىۋېتسىيەدىكى ئاتا - ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ۋاقىت ۋە شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى ئارقىسدا پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلنى ئوقۇش، يېزىش، سۆزلەش جەھەتلەردە راۋان ئىپادىلەشلىرى ھەممەيلەننى سۆيۈندۇرمەكتە.

بىز دۇنيا ئانا تىلىنى قوغداش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن شىۋېتسىيەدە قۇرۇلغان مەھمۇت قەشقىرى مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر بالىلىرىنى زىيارەت قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر بالىلار سورىغان سوئاللىرىمىزغا راۋان جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرچە شېئىر ۋە يازمىلارنى ئوقۇپ بەردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.