ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىشتىراك قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىشتىراك قىلدى. ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان مەزكۇر مۇراسىمدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشوغلۇ، تۈركىيە باش مىنىستىر مۇئاۋىن يالچىن دوغان ئەپەندى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق ئىدارىسى تارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى مۇدىرى قۇدرەت بۇلبۇل ئەپەندى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلىرىدىن كېلىپ تۈركىيەدە ئوقۇپ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 1000 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. مۇراسىمغا تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇقنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

13-ماي كۈنى ئەنقەرە سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا ئالدى بىلەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئافرىقىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «خەلقىمىزگە ئىگە چىقىشىمىز لازىم. بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك. دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك بولۇشىمىز كېرەك. شۇنداق ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەككى، ھەممە ئادەم بىلىمسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ، يورۇقلۇققا چىقسۇن.»

ئارقىسىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئەزەربەيجانلىق ئوقۇغۇچى نۇتۇق سۆزلىدى، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىنكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «5 يىل بۇرۇن ئۆز كوچىلىرىمىزنى، بىرلىكتە چوڭ بولغان كىشىلەرنى، تۇغۇلغان يۇرتىمىزنى تاشلاپ تۈركىيەگە كېلىشىمىزنىڭ ئاسانغا توختىمىغانلىقىنى مەنمۇ ياخشى بىلىمەن. بىز يېڭى كەلگەن ۋاقتىمىزدا ئاز بولسىمۇ قىيىنچىلىققا ئۇچرىدۇق. بەزىدە يۇرتىمىزدىكىلەرنى سېغىندۇق، بەزىدە يېڭى تۇرمۇشىمىزغا كۆنۈشكە تىرىشتۇق. ئەمما شۇنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەككى، تۈركىيە بىزنى قىزغىن قارشى ئالدى. بۇ بىزنىڭ تۈركىيەگە كۆنۈشىمىزنى ئاسانلاشتۇردى. بۈگۈن بۇ يولنىڭ ئاخىرىسىغا كەلدۇق. مەن پۈتۈن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار نامىدىن بىزگە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرگەن تۈركىيە چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بىزنى ئوقۇتۇش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەمگىكىڭلار ئارقىلىق، بىز ئىگىلىگەن بىلىم ئارقىلىق سالىدىغان كۆرۈك ۋە كېلەچەك دۇنياسىنىڭ سىلەر سىڭدۈرگەن ئەمگەكلەرنىڭ مېۋىسى بولۇشىنى تىلەيمەن.»

ئارقىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل تۈركىيە باش مىنىستىرلىق ئىدارىسى تارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى مۇدىرى قۇدرەت بۇلبۇل ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، تۈركىيە چەتئەلدىن ئەڭ كۆپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىۋاتقان 14-دۆلەت. 2013-يىلى بۇ ساننى 2 ھەسسىگە چىقاردۇق. 2015-يىلى دۇنيادا ئەڭ كۆپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئالدىنقى 10 دۆلەت قاتارىغا كىردۇق. ئاتا-ئانىسىنى، يېقىنلىرىنى ۋە ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ كېلىش ئاسان بىر تاللاش ئەمەس. بۈگۈن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي سىلەر بۇ يەرگە كەلدىڭلار. سىلەرنى تەبرىكلەيمەن. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز دۆلىتىڭلارغا قايتىسىلەر. دۆلىتىڭلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا باشلايسىلەر. بۇلارنى بىزمۇ سىلەردىن كۈتىمىز.»

ئارقىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ سۆز قىلىپ، تۈركىيەدە ئوقۇپ دۆلەتلىرىگە قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز دۆلەتلىرىدە تۈركىيەدە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن. 5 يىل، 6 يىل ۋە 4 يىل تۈركىيەدە ئوقۇغاندىن كېيىن بۈگۈن ئوقۇش پۈتتۈرىسىلەر. 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا دىپلوماڭلارنى ئالىسىلەر. سىلەر تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭلاردا دۆلىتىڭلارنىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىسى ھېسابلىناتتىڭلار، ئۆلكەڭلەر، مىللىتىڭلار ۋە خەلقىڭلارغا ۋەكىللىك قىلدىڭلار. ئۆز دۆلىتىڭلارغا قايتقاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئۇ يەردىكى ئەلچىسى بولىسىلەر. بۇنىڭدىن شەك شۆبىمىز يوق. ئەگەر دۆلىتىڭلاردا تۈركىيەدە ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئۇيۇشمىسى بولمىسا، قۇرۇشىڭلارنى، ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»

ئارقىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى يالچى ئاقدوغان ئەپەندى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە چەتئەللىكلەر كېلىپ ئوقۇشنى خالايدىغان بىر دۆلەتكە ئايلاندى. 2011-يىلى ماقۇللانغان، 2012-يىلىدىن تارتىپ يولغا قويۇلغان تور ئارقىلىق ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلىشقا ئېچىلغان تۈركىيە يېڭى بىر دەۋرگە كىردى. 2010-يىلى 50 دۆلەتتىن 8 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان بولسا، ھازىر بۇ سان 10-11 مىسلى كۆپەيدى. بۇ يىل 100 مىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلدى. بۇ تۈركىيەنىڭ قانچىلىك مۇھىم بىر دۆلەتكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بىز ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلاردىن ھەر يىلى 5 مىڭ ئوقۇغۇچىنى تاللاپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىۋاتىمىز. مەن سىلەرگە تۈركىيەنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن ئوقۇغان بىر كىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. ئۆتكەن يىلى 3-ئايدا لىۋىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى مۇھاممەد ئەل ماڭۇش ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتتى. بۇ كىشى تۈركىيەدە ئوقۇغان ئىدى. ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى بىناكارلىق فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن ئىدى. 1972-يىلى تۈركىيەدىكى بىناكارلىق شىركەتلىرىگە لېۋىيەنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان كىشى ئىدى. بۈگۈن تۈركىيە دۇنيادا بىناكارلىق ساھەسىدە سۆز ئىگىسى. تۈركىيەنىڭ بىناكارلىق شىركەتلىرى لېۋىيە ئارقىلىق دۇنياغا ئېچىلغان ئىدى. بىز بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىمىز. سىلەرمۇ دۆلىتىڭلارغا قايتقاندىن كېيىن، پارلامېنت ئەزاسى بولىسىلەر، مىنىستىر بولىسىلەر، باش مىنىستىر بولىسىلەر، ھەممىدىن مۇھىمى تۈركىيەنىڭ دوستى بولىسىلەر.»

5-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا بۇ يىل تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەممە بىردەك قالپاقلىرىنى ئاسمانغا ئېتىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى قۇتلىدى. ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرىگە سوۋغاتلار تارقىتىپ بېرىلدى.

ئاخىرىدا مىنىستىرلار ۋە رەھبەرلەر ئەنقەرە سودا ئۇيۇشمىسىنىڭ زالىدا تۈركىيەنىڭ ئاۋازى رادىيوسى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى چەتئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى، تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات ئىدارىسىگە ئوخشاش ئىدارىلەر ئاچقان كۆرگەزمە بۆلۈملىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. تۈركىيەنىڭ ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇر تىلى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشوغلۇ بىلەن تۈركىيە باش مىنىستىرى مۇئاۋىنى يالچىن دوغان ئەپەندىلەرنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، مەلۇمات ئىگىلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى مىركامىل قەشقەرلى بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا 40 نەچچە ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قاتناشقانلىقىنى ھەمدە يىغىندا سۆز قىلغان تۈركىيە ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت