ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمغا تەلەپ خېتى سۇندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.06.15
turkiye-bash-ministiri-binali-yildirim-uyghur-osmur-xet-1.jpg

تۈركىيە پارلامېنتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەلەپ خېتىنى سۇندى. 2016-يىلى 14-ئىيۇن، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

turkiye-bash-ministiri-binali-yildirim-uyghur-osmur-xet-2.jpg

تۈركىيە پارلامېنتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى بىلەن سۆھبەتتە. 2016-يىلى 14-ئىيۇن، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

turkiye-bash-ministiri-binali-yildirim-uyghur-osmur-xet-3.jpg

تۈركىيە پارلامېنتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر. 2016-يىلى 14-ئىيۇن، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

turkiye-bash-ministiri-binali-yildirim-uyghur-osmur-xet-4.jpg

تۈركىيە پارلامېنتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر. 2016-يىلى 14-ئىيۇن، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

turkiye-bash-ministiri-binali-yildirim-uyghur-osmur-xet-5.jpg

تۈركىيە پارلامېنتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2016-يىلى 14-ئىيۇن، ئەنقەرە. RFA/Erkin Tarim

ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەلەپ خېتىنى سۇندى.

تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەكتىپىدە ھەپتە ئاخىرى ۋە تەتىل ۋاقىتلىرىدا تەربىيە ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردىن تاللانغان 30 كىشىلىك ئۆمەك، 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئوقۇغۇچىلارنى ئالدى بىلەن تۈركىيە پارلامېنتى ئاخبارات-نەشرىيات ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ئەرباي كۈجەت ئەپەندى كۈتۈۋېلىپ، پارلامېنت ئەزالىرى يىغىن ئاچىدىغان چوڭ زالنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى. چۈشەندۈرگۈچى خادىم ئوقۇغۇچىلارغا زالنىڭ قۇرۇلمىسى، باش مىنىستىر، مىنىستىر ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قەيەرلەردە ئولتۇرىدىغانلىقى ۋە دۆلەت قانۇنىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى تەرىپىدىن قانداق چىقىرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنى تۈركىيە پارلامېنتى باش كاتىپى ئىرفان نەزىروغلۇ ئەپەندى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ، بىر ‏-بىرلەپ ھال سوراش بىلەن بىرگە چوڭ بولغاندا نېمە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى سورىدى.

ئارقىدىن ئۇيغۇر بالىلارغا ۋاكالىتەن سېيت ۋە ئوقۇتقۇچىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم تۈركىيە پارلامېنتى باش كاتىپى ئىرفان نەزىروغلۇغا ئاييۇلتۇزلۇق كۆكبايراق خاتىرە بۇيۇمى بىلەن كۆك رەڭلىك شارپىنى تەقدىم قىلدى ۋە ئۇيغۇر دوپپىسى كىيدۈردى. ئارقىدىن ئۇ، 30 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرگە سوۋغات تارقىتىپ بەردى.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ھەر سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىدا ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ گۇرۇپپا يىغىنى چاقىرىلىدىغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈندە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ يىغىنلىرىنى كۆردى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندى پارلامېنتتىكى نۇتقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر بىلەن قول ئېلىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى ۋە بىرلىكتە رەسىم چەكتۈردى. ئاخىرىدا بىر ئۇيغۇر قىزى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ قىيىنچىلىقى ئىپادىلەنگەن خەتنى تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمغا بەردى. باش مىنىستىر ئۇيغۇر قىزىنىڭ ماڭلىيىغا سۆيۈپ قويدى.

ئېكسكۇرسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مىكروفونىمىزنى 30 ئوقۇغۇچىنى ئانا تىلىدا تەربىيەلەۋاتقان مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمغا ئۇزاتتۇق. ئۇ، تۈركىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان ئېكىسكۇرسىيەنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزۇيغۇر خانىم تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پارلامېنت ئەزاسى چىقىرالايدىغان كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان ئېكىسكۇرسىيەنىڭ ناھايىتى پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ژۇرنالىست تەتقىقاتچى مىركامىل قەشقەرلى ئەپەندى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدىكى زىيارىتىنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم بىلەن رەسىمگە چۈشكەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۆزلىرىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.

تۈركىيە پارلامېنتىدا ھازىر 550 پارلامېنت ئەزاسى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە بولۇپ، 4 سىياسىي پارتىيە پارلامېنتتا تۈركىيە خەلقىگە ۋاكالىتەن قانۇن، تۈزۈملەرنى ماقۇللىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.