تۈركىيەنىڭ زوڭگۇلداق ۋىلايىتىنىڭ ئەرەگلى ناھىيىسىدە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلدى. 22-يانۋاردىن 29-يانۋار كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئوخشىمايدىغان كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئىشتىراك قىلدى. 7 كۈن داۋاملاشقان پائالىيەتتە نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، تىلى، ئىستراتېگىيىلىك تەپەككۇر، مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەت ۋە دىنىي ئىلىم تېمىلىرى بويىچە لېكسىيە بېرىلدى.
بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەھرىمانماراشتىكى سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى، ئىستانبۇلدىكى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپىنىڭ خانىم-قىزلار كومىتېتى مەسئۇلى ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، ۋەتەن دەۋاسىغا بولغان تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپى بۇرۇنمۇ بۇ خىل تەربىيىلەش يىغىلىشلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىمقىسى پەقەت ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى يىغىلىش ئىكەن. ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم 29-يانۋار كۈنى خۇلاسە قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتە ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىگە ئاساسلانغاندا يىغىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.
سۇلتان ساتۇق بۇغراخان ۋەخپى خانىم-قىزلار كومىتېتى مەسئۇلى ئىپارخان ئۇيغۇر خانىم بۇرۇن ئۇيغۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇ خىل يىغىلىشلارغا قورقۇپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى، بۇ يىل قاتنىشىش ئۈچۈن كۆپ ساندا ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلدى.
بىز بۇ يىغىلىشقا ئىشتىراك قىلغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى ئايشەم مەمەت خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىدا مىللىي روھ تىكلەشكە پايدىلىق بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
بۇ پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئوقۇغۇچى سۇبىنۇر 7 كۈنلۈك پائالىيەتتە ئۆزىنىڭ تەپەككۇر دائىرىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
بۇ كۇرستا لېكسىيە سۆزلىگەن ئەنقەرەدىكى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ يىل تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېت تىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق بىر كۇرسقا ئاكتىپ قاتنىشىشىدىكى سەۋەبلەر ئۈستىدە توختالدى.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بۇ خىل تەربىيىلەش يىغىلىشلىرىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى، بۇنداق پائالىيەتلەرنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.