ئانىلار «ئانا تىل لوڭقىسى» تارقاتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.12.11
awstraliye-ana-til-longqa.jpg «تەڭرىتاغ خانىم قىزلار گۇرۇپپىسى» ئانا تىل لوڭقىسىنى تۇتۇپ تۇرغان ئۆسمۈر. 2017-يىلى 9-دېكابىر، ئاۋسترالىيە.
RFA/Abduweli

2017-يىلى 9-دېكابىر جەنۇبىي ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىغا «تەڭرىتاغ خانىم قىزلار گۇرۇپپىسى» ئانا تىل لوڭقىسى ۋە تەقدىرنامە تەقدىم قىلدى.

ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئادېلەيد شەھىرىگە جايلاشقان ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى بۈگۈن ئۇيغۇرچە كىيىنگەن بالىلارنىڭ شات كۈلكىلىرى، ئۇيغۇر پۇشۇرۇقلىرىنىڭ خۇشبۇي ھىدى، رەڭگارەڭ ئەتلەس كۆڭلەكلەرنى كېيىشكەن ئۇيغۇر قىز-ئاياللارنىڭ گۈلگۈن سماسى بىلەن بايرام تۈسىگە كىرگەن ئىدى. سەھنىنىڭ يان تەرىپىگە تىزىلغان ئانا تىل لوڭقىسى ۋە تەقدىرنامىلەرگە بالىلار ھەۋەسلىنىپ قارىشاتتى.

سەھنىگە بالىلارنىڭ سۆيۈملۈك دوستى، بۇ يىللىق ئانا تىل مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن گۈلنۇر تۇرسۇن سەھنىگە چىقىپ، بالىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ گۈزەل سورۇنغا جەم بولغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ھەمدە پائالىيەتنى تەشكىللەشكە كۈچ چىقارغا ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن «تەڭرىتاغ خانىم-قىزلار گۇرۇپپىسى» غا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. پائالىيەت يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلىغان دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى. سورۇندىكى ھەممەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشۇپ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ بىرلىكتە مارىشقا ئەگەشتى.

پائالىيەتتە ئوقۇغۇچىلار ناخشا، ئۇسۇل، دېكلاماتسىيە، چاقچاق، خور قاتارلىق نومۇرلارنى ئورۇنلىدى. ئاخىرىدا پائالىيەتكە قاتناشقان بالىلارغا «تەڭرىتاغ خانىم قىزلار گۇرۇپپىسى» ئانا تىل لوڭقىسى تەقدىم قىلدى. ئانا تىل مەكتىپىدىن ھەر بىر بالىغا تەقدىرنامە بېرىلدى.

ئوقۇتقۇچىلارغىمۇ خاتىرە بۇيۇمى ھەدىيە قىلىنىپ ئاتا-ئانىلارنىڭ تەشەككۈرى بىلدۈرۈلدى.

پائالىيەتنى تەشكىللەشكە قاتناشقان «تەڭرىتاغ خانىم قىزلار گۇرۇپپىسى» دىن يۇلتۇز تىيىپجان خانىم ئۇيغۇر بالىلارنىڭ جۇشقۇن ناخشا-ئۇسۇللىرى، قىزىقارلىق لەتىپىلىرى ۋە جاراڭلىق دېكلاماتسىيەلىرىدىن ئالغان ھاياجانلىرىنى بايان قىلدى.

مەكتەپ مۇدىرى زۇلپىيە شەمسىدىن خانىم بۇ پائالىيەتتە نومۇر كۆرسەتكەن بالىلاردىن، بولۇپمۇ ئاۋسترالىيەدە تۇغۇلغان ئۇيغۇر بالىلار راۋان يادىلاپ بەرگەن چۈچۈك ھىكايە ۋە شىئېرلاردىن بەكمۇ تەسىرلەنگەنلىكىنى بايان قىلدى.

بۇ پائالىيەتكە ساھىبخانىلىق قىلغان «تەڭرىتاغ خانىم قىزلار گۇرۇپپىسى» ھازىر يۈزدىن ئارتۇق ئەزاغا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئانا تىل، دىن ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ئىكەن. بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئاكتىپلىرىدىن يۇلتۇز تىيىپجان خانىم مەزكۇر گورۇپپىنىڭ ئۆملۈكى، قىزغىنلىقى ۋە پىداكارلىقلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئاۋسترالىيە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بولۇپ، دۆلەت مەكتەپلەرنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىگەندىن باشقا تۈرلۈك كۆرەكلەر، پاراتلار ۋە باھالاشلار ئارقىلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا رىغبەت بېرىپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئىگىلىشىمىزچە ھازىر ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنىي، مېلبورىن ۋە ئادېلەيد قاتارلىق ئۈچ شەھىرىدە ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپى بار بولۇپ مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار ۋە پىداكار ئاتا-ئانىلار ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىشقا كۈچ چىقارماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.