پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە سۆھبەت

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقى ۋە مەنىۋى دۇنياسىنىڭ ئاۋازى سۈپىتىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا دۇنياغا كەلدى ھەمدە مۇرەككەپ تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتتى.

بۇ جەرياندا ئالدى بىلەن سوۋېت رۇس ئەدەبىياتىنىڭ، بولۇپمۇ ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداش خەلقلەر ئەدەبىياتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىدى. 1940-يىللاردىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىشكە باشلىغان كوممۇنىزم مەپكۇرىسى شۇنداقلا 1949-يىلىدىن كېيىن خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىر مەھەل سىياسىيلاشتۇرۇلدى. شۇ مەزگىلدىكى بىر تۈركۈم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە شائىرلىرىمۇ دەۋر شاماللىرىنىڭ قىستىشى بىلەن ئۆز ئەسەرلىرىدە سىياسىي چاقىرىقلار ئۈچۈن ئومۇمىيخور ئېتىشتىن خالىي بولالمىدى. ئۇنداقتا، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاشۇ دەۋردىكى سەھىپىلىرىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك؟ بىز بۇ ھەقتە تۈركىيە ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: ھۆرمەتلىك ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ مەزگىلدىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تارىخىغا ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە ئەگرى-توقاي بىر جەرياننى بېسىپ ئۆتتى. نۇرغۇن يازغۇچىلار ۋە شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ بىر يۈرۈش نادىر ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رېئال ھاياتىنى بەدىئىي يۈكسەكلىكتە ئىپادىلەشكە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن يەنە كۆپلىگەن قەلەم ئىگىلىرى ئۆز دەۋرىدىكى رۇس ۋە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيەتلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھەمدە كوممۇنىزم مەپكۇرىسىنىڭ قۇربانى بولۇشتەك ئاچچىق قىسمەتلەرگىمۇ دۇچ كەلدى. سىز ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى بىر تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بۇ ئەھۋاللارغا قانداق باھا بېرىسىز؟

جاۋاب: مەيلى رۇس بولشېۋىكلىرى بولسۇن ياكى خىتاي كوممۇنىستلىرى بولسۇن، 1930-1940-يىللاردا مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرىگە ياردەم بېرىش ۋە قوللاشنى ئۆزلىرىگە شوئار قىلىۋالغان. شۇ يىللاردا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئىچكى موڭغۇلىيە قاتارلىق جايلاردىكى خەلقلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ھەققىدە نۇرغۇن قېتىملار قارار ئالغان. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ بۇ خىل تەشۋىقاتلىرىغا ياش لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش زىيالىيلارلا ئەمەس، بەلكى يەنە بەزى سىياسىيونلارمۇ ئىشەنگەن. لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو»، نىمشېھىتنىڭ «سېغىندىم» دېگەن شېئىرلىرىدىمۇ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىگە چۇشلۇق تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى بار. ئەگەردە بۇ كىشىلەر لېنىننىڭ ئۆز دەۋرىدە ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداش مىللەتلەرگە بەرگەن ۋەدىسىدىن قانداق يېنىۋالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتەلىگەن بولسا ئىدى، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شۇ تىپتىكى تەشۋىقاتلىرىغا ئىشىنىپ كەتمىگەن بولار ئىدى. بۇ ئەدىبلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ئاقىۋىتى بۈگۈنكى كىشىلىرىمىزگە بىر ئىبرەت بولغۇسى دەپ قارايمەن.

سوئال: بۈگۈنكى كۈندە يازغۇچى زۇنۇن قادىرنىڭ «ماغدۇر كەتكەندە»، «چېنىقىش» ناملىق ھېكايىلىرى بىلەن «غۇنچەم» ناملىق درامىسىغا قارايدىغان بولساق، بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە سىنىپىي كۈرەش تېمىسىنىڭ ئەكس-ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى بايقايمىز. مەسىلەن، «غۇنچەم» درامىسىدىكى ئۆمەر شاڭيو بىلەن غۇنچەم ۋە نۇرۇملار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت؛ «چېنىقىش» ھېكايىسىدىكى مەتنىيازنىڭ خەلق كوممۇناسىغا كىرىش جەريانى بۇ نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئەمدى بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رېئالىستىك پروزىسىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچى دەپ قارىلىۋاتقان زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرىنىڭ يەنە بىر يۈزىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك دەپ ئويلايسىز؟

جاۋاب: كوممۇنىست ئىدېئولوگىيىسى ھاكىم بىر ئەلدە يازغۇچىلارنىڭ مەلۇم سىياسىي پوزىتسىيىگە ئىگە بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. يەنە كېلىپ سىنىپىي كۈرەش نۇقتىئىنەزىرى كوممۇنىزم مەپكۇرىسى ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان ئەللەردە نۇقتىلىق تىلغا ئېلىنىدىغان بىر مەسىلە. سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن بۇنداق مۇھىتتا ئىجادىيەت ئېلىپ بارغان ھەرقانداق بىر يازغۇچى ئۆز ئەسەرلىرىدە شۇ خىلدىكى تېمىلارغا يانداشماي ئۆتەلمەيدۇ. ئەمما بۇنداق ۋەزىيەتتىن ئۇستىلىق بىلەن ئەگىپ ئۆتكەن يازغۇچىلارمۇ بار. زۇنۇن قادىرنى ئەنە شۇنداق يازغۇچىلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ. مەسىلەن «چېنىقىش» ھېكايىسىگە قارايدىغان بولساق، يازغۇچى گەرچە خەلق كوممۇناسىنى مەدھىيىلەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن مەتنىيازنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئىشق-مۇھەببەتنىڭ قۇدرىتىگە باغلاپ تەسۋىرلىگەن. يەنى يازغۇچى ئۇستىلىق بىلەن ئەسەرنى سىياسىيدىن يىراقلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. ئەگەردە يازغۇچى ئەسەرگە مۇھەببەت دېتالىنى قوشمىغان تەقدىردە مەتنىيازنىڭ ئۆزگىرىشىنى پارتىيىنىڭ تەربىيىسىدىن بولغان دېگەن بايان بىلەن چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولاتتى. شۇڭا زۇنۇن قادىر بۇ دېتالنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرغان دېيىشكە بولىدۇ.

سوئال: 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن كۆپلەپ ئوقۇلغان يازغۇچى-شائىرلىرىمىزدىن نىمشېھىت، تىيىپجان ئېلىيوپ، قېييۇم تۇردى، ئەلقەم ئەختەم قاتارلىقلار 1950-يىللاردىن 1970-يىللارغىچە بولغان جەرياندا ئۆز ئەسەرلىرىدە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى، كوممۇنىزم مەپكۇرىسىنى ھەمدە ئاتالمىش «جۇڭخۇا ۋەتىنى» مەدھىيىلەيدىغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنى يېزىشتىن خالىي بولالمىغان. ئەمدى بۈگۈن 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى قايتا يېزىش توغرا كەلسە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي مەنپەئىتى، مەدەنىيەت مەنپەئىتى ھەمدە مىللىي كىملىك نۇقتىسىدىن يۇقىرىقى يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك دەپ ئويلايسىز؟

جاۋاب: ئەلۋەتتە بۇ يازغۇچىلار 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم يازغۇچىلاردىن ھېسابلىنىدۇ. مېنىڭچە، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە باھا بەرگەندە ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى راۋاجلاندۇرۇش، بېيىتىش ھەمدە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش جەھەتلەردىكى تۆھپىلىرىگە ئىجابىي باھا بېرىش كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن سىياسىي ئىدىيە مەسىلىسى بۇ ئايرىم مەسىلە. بۇنى 1950-يىللاردىن 1970-يىللارغىچە بولغان جەرياندىكى ئالاھىدە ۋەزىيەت ۋە تارىخىي شارائىت بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن. چۈنكى بۇ ئەدىبلەر شۇ دەۋردىكى سىياسىي ۋەزىيەتتە چارىسىز ئىدى، گەرچە ئۆزى ئىستىمىگەن بولسىمۇ لېكىن مۇشۇ تۈردىكى ئەسەرلەرنى يېزىشقا مەجبۇر بولغان. شۇڭا ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە ھەر ئىككى تەرەپتىن مۇۋاپىق باھا بېرىلىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.