زىيالىيلار: ئۇيغۇرلار ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تېكىستلەرنىڭ ئالماشتۇرۇۋېتىلىش مەسىلىسىگە جىددىي قارىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.03.19
qosh-til-oqughuchilar-305.jpg خوتەن قوش تىل مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار. 2006-يىلى 13-ئۆكتەبىر.
AFP

2016 - يىلى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇر كلاسسىكلىرى ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتايچە تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا نارازىلىق قوزغاپلا قالماي، بەلكى ئاتا - ئانىلارنىڭمۇ دىققىتىنى چەككەن. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىق ئوقۇتقۇچىلار: ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تېكىستلەرنىڭ ئالماشتۇرۇۋېتىلىش مەسىلىسىگە ئۇيغۇرلار جىددىي قارىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېڭى مەۋسۇملۇق ئەدەبىيات دەرسلىكىدە تېكىستلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشى نارازىلىق كەيپىياتى قوزغاپلا قالماستىن، دائىرىلەرنىڭ يەنە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئاتالمىش قوش تىل تەلىپى بويىچە دەرس ئۆتۈش تەلىپىنى قويۇشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغان.

يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئەدەبىيات دەرسلىكىگە بولغان نارازىلىقلارنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغان بىر ئوقۇتقۇچى، ئەسلىدىنلا ئەدەبىيات دەرسى ئازايتىۋېتىلگەن ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچىلارغا يەنە دەرسلىككە خىتاي ئەدەبىياتىدىن كىرگۈزۈلگەن تەرجىمە تېكىستلەرنى قوش تىل ئۆلچىمى بويىچە ئۆتۈش تەلىپى قويۇلغاندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىلاردا چۈشەندۈرۈش قىيىنلىشىش، ئوقۇغۇچىلاردا دەرسكە قىزىقىش سۇسلىشىش كەيپىياتى ئېغىر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ۋە ئىلگىرى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات دەرسى ئۆتكەن ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىلەر بىرقانچە يىلدىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تېكىستلەرنى سىياسىي مەقسەت سەۋەبىدىن ئۈزلۈكسىز ھالدا يېڭىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مائارىپ مېتودىغا خىلاپ ھالدا دەرسلىكتىكى تېكىستلەرنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشنىڭ يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئانا تىلى، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە تارىخىدىن يىراقلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى نورمال ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىپ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئەڭ ئەقەللىي بولغان ئانا تىل - ئەدەبىياتىدىن بىلىم ئېلىش پۇرسىتىدىنمۇ مەھرۇم قالدۇرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەسىلىگە جىددىي قارىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلگىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 14 - ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات دەرسى ئۆتكەن ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى، دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىگە قارىتا ئۆزگەرتىش، تارايتىش، ھەتتا ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىنى قىسقارتىۋېتىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، نۆۋەتتە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىل ئەدەبىياتىدا ساۋاتسىز قېلىش، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ئېتىبارسىز ۋە ئىشسىز قېلىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى تېكىستلەرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى خەۋەر بۇلتۇر ياز پەسلىدە تارقالغاندىلا ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا نارازىلىق كەيپىياتى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى نەقىل ئېلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردا بولۇۋاتقان بۇ خىل نارازىلىق كەيپىياتىغا دىققەت قىلىشى، دەرسلىكلەرنى تۈزگەندە مائارىپ مېتودى تەلىپى بويىچە ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى يەنە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكىدە تېكىستلەرنىڭ ئۆزگەرتىلىشى، ئۇيغۇر تىلى دەرسىنىڭ قىسقارتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلىرىگە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ جىددىي قارىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى دەرسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مائارىپىنىڭ بۇندىن كېيىنكى يۈزلىنىشىدە ھالقىلىق رول ئوينايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ھەقىقەتنى تونۇش ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى ئويلاندۇرىدىغان تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇشى كېرەكلىكى» نى بىلدۈردى.

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى سۆزىنى خۇلاسىلەپ، بولۇپمۇ نۆۋەتتە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدە ۋەزىپىدە ئۆتەۋاتقان زىيالىيلارنىڭ بۇ مەسىلىنى مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا قاتلاممۇ - قاتلام يەتكۈزۈشى، ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتىنىڭ ئېتىبارسىز قالدۇرۇلۇشى سەۋەبلىك قوزغىلىۋاتقان نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەشەببۇس قىلىۋاتقان «مىللەتلەر باراۋەرلىك»، «مىللىي ئىتتىپاقلىق» ۋە «ئەمىنلىك سىياسىتى» گە زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.