ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي مائارىپىنىڭ راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان 85 يىلغا يېقىن تارىخى بار زەرۋات مەكتىپى دەسلەپتە بىۋاسىتە ئۇيغۇر كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈشتە ھەل قىلغۇچى كۈچكە ئىگە بولغان بولسىمۇ، ئامما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەزى ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلەرگە بىنائەن ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ماھىيىتىنى بارا-بارا يوقاتقان. بۇنىڭدىن تاشقىرى مەزكۇر بىلىم دەرگاھى ئالماتادىن ياركەنت شەھىرىگە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇ قۇرۇلمىسى ۋە مەقسەد-ۋەزىپىلىرى جەھەتتىن ئۆزگىرىپ، زەرۋاتوف نامى ئەمەلدىن قالغان.
1999-يىلى ياركەنت پېداگوگىكىلىق تېخنىكومىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن شۇ مەكتەپنىڭ ئۇچۇمكارى، قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى زىيا سەمەدى سوپى زەرۋاتوفنىڭ نامىنى قايتا تىكلەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ياركەنت پېداگوگىكا تېخنىكومىنىڭ چوڭ ئوقۇتقۇچىسى ياقۇپجان ئابدۇقادىروف زەرۋات مەكتىپى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.