ئامېرىكا ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.03.06
fairfax-highschool-adine-ussul-1.jpg فايرفاكس تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا مەدەنىيەت بايرىمى» دىن بىر كۆرۈنۈش. 2017-يىلى مارت، ئامېرىكا.
Photo: RFA

«كۆچمەنلەرنىڭ دۆلىتى» دېگەن نام بىلەن تونۇلۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللىي تەركىبلەرنىڭ ھەممىسىلا دېگۈدەك تېپىلىدىغان بولۇپ، سان جەھەتتە ئانچە كۆپ بولمىغان ئۇيغۇرلار توپىمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە. ئەمما، تۈرلۈك سەۋەبلەردىن ئۇيغۇرلار ئامېرىكىدا ئانچە تونۇلۇپ كەتمىگەن بىر قوۋم ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتون شەھىرىگە ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى فايرفاكس ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، شۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا ئۆزلىرىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە كۆچمەن بولۇپ چىقىش دولقۇنىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆچۈپ چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشماقتا. ئەنە شۇ قاتاردا دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىمۇ ھەر يىلى مۇناسىپ ساندىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرىنى ئۆز قوينىغا ئالماقتا. ئەمما ئامېرىكىدىكى مىليونلىغان نوپۇسقا ئېگە باشقا كۆچمەن مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس جەھەتتىكى ئازلىقى، شۇنىڭدەك ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار ئامېرىكىدا يەنىلا كۆپ قىسىم كىشىلەرگە ناتونۇش بىر قوۋم ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىنمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە بۇنىڭغا ئالاقىدار ئەھۋاللار ھەققىدە تاشقى دۇنياغا تېگىشلىك مەلۇمات بېرىشنى ھەرقاچان ئۆزلىرىنىڭ بىر تۈرلۈك مىللىي مەجبۇرىيىتى، دەپ قاراپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئەنە شۇ قاتاردىكى خىزمەتلەرگە تېگىشلىك ھەسسە قوشتى.

3-مارت كۈنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى بولغان ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى فايرفاكس شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە «خەلقئارا مەدەنىيەت بايرىمى» ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ھىندىستان، كورېيە، خىتاي، مېكسىكا قاتارلىق ئەللەردىن كەلگەن ھەمدە ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان كۆپلىگەن كۆچمەنلەرنىڭ مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان پەرزەنتلىرى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قاتناشتى. شۇ قاتاردا ھازىر مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋاكالىتەن ئادىنە ۋە ئۇنىڭ دوستى دىلنۇر «باھار» ناملىق قوش كىشىلىك ئۇسسۇلنى ئورۇنلاپ ئۇيغۇرلاردىكى تەبىئەتنى سۆيۈش ھەمدە تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىشتەك ئەنئەنىۋى ئىستەكنى نامايان قىلدى.

ئىككى ئۇيغۇر قىزى ئوينىغان ئۇسسۇل ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىچىلىكى، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن جۇشقۇنلۇق ۋە نەپىسلىك زالدىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

پائالىيەت ئارىلىقىدا، بىز تاماشىبىنلارغا ئۇسسۇل ماھارىتى كۆرسەتكەن ئادىنەگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئۇسسۇل ماھارىتى كۆرسەتكەنلىكى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئىلگىرى يەنى ۋەتەندىكى ۋاقىتلىرىدا توي-تۆكۈنلەردە ئويناپ قويىدىغان ئۇيغۇرچە ئۇسسۇلنىڭ بۇنچىلىك چوڭقۇر مەنىسى بارلىقىنى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ھېس قىلىپ يەتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەدەنىيەت ساھەسىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان قاتتىق قول سىياسەتلەرنىڭ ماھىيىتىنى ھازىر بارغانسېرى تونۇپ يېتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

سۆھبەت ئارىلىقىدا ئادىنە ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدىكى ياش بوغۇنلاردا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىن يىراقلاپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ ئېغىرلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلاردىن سانىيە بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ماھارىتىنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانغا چۆمگەنلىكىنى بىلدۈردى.

سانىيەنىڭ پىكرىچە، ئاتا-ئانىلىرىغا ئەگىشىپ چەتئەللەرگە كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى مۇمكىن قەدەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئېگە قىلىش ئاتا-ئانىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە تاماشىبىن بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر قىزى ئاسىيە بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئويۇن باشلىنىشتىن ئاۋۋالقى تەسىراتىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكىغا كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئورتاق بولغان بىر ئەھۋال شۇكى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىك مەسىلىسى ھەرقاچان باشقىلارغا بىر-ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولىدىغان تېما بولماي قالىدىكەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، مۇشۇنداق پائالىيەتلەر كۆپرەك بولسا، كۆپرەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سەھنىلەردە مۇشۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرگە ئىشتىراك قىلسا، ئۇيغۇرلارنى باشقىلارغا تېخىمۇ ياخشىراق تونۇشتۇرۇشقا پايدىلىق بولىدىكەن.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە فايرفاكس شەھەرلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ھەمدە بىر قىسىم قوشنا مەكتەپتىن كەلگەنلەر ئىشتىراك قىلدى. پائالىيەت كەچ سائەت 7 دىن 9 غىچە داۋام قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.