مۇھاجىرەتتىكى مۇتەخەسسىسلەر: ئۇيغۇر تىلى يوقالمايدۇ ۋە يوقاتمايمىز

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016-05-11
Share
qosh-til-mektep.jpg خىتاي ھۆكۈمىتى مەبلەغ ئاجرىتىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىل يەسلىسىنى 2011-يىلغىچە 85% كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.
CCTV

خەلقئارالىق تىلشۇناس ۋە مىللەتشۇناسلار يېقىنقى يىللاردا بىر قىسىم مىللەتلەرنىڭ تىلى يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىپ قالغانلىقىنى كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپى ۋە باشقا مىللىي سىياسەتلىرىنىڭ تەسىرىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭمۇ خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ ئانا تىل كرىزىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى سىرتىدا بىردەك ئۇيغۇرلاردا ئانا تىلنى قوغداش  پائالىيەتلىرىنى  مەيدانغا كەلتۈردى. «ئۇيغۇرلار ئانا تىلىنى قانداق قىلىپ قوغداپ قالالايمىز؟» دېگەن تېمىدا مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن سۆھبەت ئۇيۇشتۇردۇق.

بۇ تېمىدىكى سۆھبىتىمىزدە، قازاقىستاندىكى فىلولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورى ئالىمجان ھەمرايېف ۋە قەدىمكى تىللار تەتقىقاتچىسى ئامېرىكىدىكى دوكتور قاھار بارات ئەپەندىلەر ئوخشاشلا گەرچە ئۇيغۇر تىلىنى، يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىل، دەپ ھېسابلىمىساقمۇ ئەمما خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بىر تىل دەپ كۆرسىتىپ، خىتاي ياكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداشتا مەخسۇس تىل سىياسەتلىرى يولغا قويۇشىنى كۈتۈشتىن كۆرە ھەر بىر ئۇيغۇر ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداپ قېلىشنى ئۆزىدىن ۋە ئائىلىدىن باشلاشنى تەۋسىيە قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئۇلارنىڭ سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت