مىلاد بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا مەزكۇر بايرامنى تەبرىكلەيدىغان غەرب دۆلەتلىرىدە سودا مەركەزلىرى ئادەملەر ئەڭ كۆپ بارىدىغان يەرلەرگە ئايلىنىدۇ. مەركىزى فىرانسىيەدىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى پاش قىلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلارغا بۇ ھەقتە چىقارغان مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۇلار بىر ئېلان شىركىتى بىلەن ھەمكارلاشقان. ئېلان شىركىتىنىڭ ئۈچ تەرىپىگە چوڭ ئېكران ئورنىتىلغان ماشىنىسىدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە دائىر مەخسۇس ئىشلەنگەن ۋىدىيولارنى قويۇپ، پارىژ كوچىلىرىدا سەككىز سائەت ئايلاندۇرغان.

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باش تەشكىللىگۈچىسى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلى دوكتور دىلنۇر رەيھان خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى.

ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى خادىملىرىدىن مەردان ئەھەتئېلى ئەپەندى مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغانلارنىڭ بىرى ۋە شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇ باشتىن-ئاخىر ئېلان ماشىنىسىنىڭ ئەتراپىدا يۈرگەن. ئۇ ئېلان ماشىنىسىنىڭ قايسى كوچىلاردا ئايلانغانلىقى ۋە كىشىلەرنىڭ چوڭ ئېكراندىكى كۆرۈنۈشلەرگە بولغان ئىنكاسى ھەققىدە توختالدى.

ئۇ يەنە پائالىيەت جەريانىدا ئۆزىگە تەسىر قىلغان بىر ۋەقەنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى.
ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتى 12-نويابىر كۈنى، يەنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت بايرىمى كۈنىدە مۇشۇنداق شەكىلدە پائالىيەت قىلغانىدى. چوڭ ئېكرانلىق ئېلان ماشىنىسىنىڭ ئۈچ تەرىپىدىكى چوڭ ئېكراندا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئىشلەنگەن بىر يېرىم مىنۇتلۇق ۋىدىيو ۋە سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ، پارىژ شەھىرىنىڭ كوچىلىرىدا ئايلاندۇرغانىدى.

دىلنۇر خانىم ئاشۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىدە قىلغان پائالىيەتنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىش ھەققىدىمۇ ئوخشاش شەكىلدە پائالىيەت ئىلىپ بارغانلىقنى بىلدۈردى.
مەردان ئەپەندى ئاخىرىدا كىشىلەرنىڭ ئېسىدە قالىدىغان مۇشۇنداق شەكىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.