8-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاۋستىرالىيەنىڭ ئادىلايد شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابىقە يىللاردىكىدەك شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇلغافۇر مۆمىن ئەپەندى، شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستان ئەپەندىلەرنىڭ تەبرىك سۆزلىرى بىلەن تەنتەنىلىك باشلاندى.
ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بۇ مۇسابىقىدە قاتتىق ئىسسىغان ھاۋا مۇسابىقىگە قاتناشقان ئەزىمەتلەرنى تەۋرىتەلمىدى. مۇسابىقە تاماشىبىنلارنىڭ مەدەت تىلىگەن ئاۋازلىرى بىلەن ئىنتايىن كەسكىن ۋە جۇشقۇن ھالەتتە داۋاملاشتى.
مۇسابىقىنىڭ يىپىلىش مۇراسىمىدا نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى ئەپەندى سۆز قىلدى ھەم مۇسابىقە نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۈچ كۈن داۋاملاشقان كەسكىن بۇ مۇسابىقىدە ئادىلايد كوماندىسى بىرىنچى، مىلبۇرىن كوماندىسى ئىككىنچى، سېدنىي كوماندىسى ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.
بۇ قېتىملىق مۇسابىقىنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى بولغان، يىراق پۆرس شەھىرىدىن كەلگەن ئىليار مۇسابىقىدىن كىيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۆز كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى نۇرمۇھەممەت تۈركىستان ئەپەندى بۇ مۇسابىقە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى ھەم مۇسابىقىگە قاتناشقان، 3 كۈنلۈك مۇسابىقە ئۈچۈن، ماھىرلار، پۇتبول مەستانىلىرى ئۈچۈن ھەرخىل تاماقلار تەييارلىغان «تەڭرىتاغ ئانىلار گۇرۇپپىسى» دىكى جاپاكەش خانىم-قىزلارغا ئالاھىدە رەھمەتلەر ئېيتتى.
مۇسابىقىنى غەلىبىلىك تۈگەتكەن ماھىرلار بۇنىڭدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىلەردە ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆز خەلقىنى، چوڭلارنى ۋە كىچىكلەرنى ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.