مەتتوختىنىڭ يىتىپ كېتىشى ۋە تېپىلىشىمۇ سىر

0:00 / 0:00

يېقىنقى يىللاردا يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ 83% تى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن قاچۇرۇلغان، خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇر بالىلار يوقاپ كېتىۋاتقان نۇقتىلىق رايوننىڭ بىرى. ئەمما يوقاپ كېتىپ قايتا تېپىلغانلارمۇ يوق ئەمەس.

2013-يىلى 12-ئايدا خوتەن شەھەر ئىچىدىكى بىر بازاردا، ئانىسىنىڭ قېشىدىن بىردىنلا غايىب بولغان 8 ياشقا كىرىپ قالغان مەتتوختى مەتياسىننىڭ، بىر يىلدىن ئارتۇق ئىز دېرىكى بولمىغان ئىدى. ئۇ بۇ يىل 2-ئايدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا تېپىلىپ قالدى. ئەمما ئۇنىڭ قانداق يىتىپ كەتكىنى سىر بولغان بولسا، قانداق قىلىپ تېپىلىپ قالغانلىقىمۇ بىر سىر بولماقتا، چۈنكى مەتتوختى يىتىپ كېتىپ ساق سالامەت قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇ بۇرۇنقى مەتتوختى ئەمەس، بۇرۇنقىدەك گەپ قىلمايدۇ، كۈلمەيدۇ بەلكىم ئۇ بۇ بىر يىل ئىچىدە تارتقان ئىزتىراپ، ئازاب ۋە قورقىلىرىنى ئەسلەشنىمۇ خالىمىسا كېرەك. قورقۇنچلۇق بەختسىز بىر يىلنى ئۆتكۈزگەن مەتتوختى، خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسى سامپۇل يېزىسىدىكى ئىللىق ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بىز ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېلېفوندا زىيارەت قىلدۇق. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبەت خاتىرىسى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

مەتتوختىنىڭ دادىسى مەتياسىن بىلەن سۆھبەت

-مەتتوختى قانچە ياشقا كىردى؟
-بىر ئايدىن كېيىن 9 ياشقا كىرىدۇ.
-قاچان قانداق تېپىلدى؟
-بىر يېرىم ئاي بوپ قالدى ئۈرۈمچىدىن ئەكەلدىم. بىرى تېلېفون قىپتىكەن، بالاڭلا شۇمۇ تونۇۋېلىڭلار دەپ، ئۈرۈمچىگە بارغاندىن كېيىن يەنە تېلېفون قىلىپ بالىنى بىر ئاپتوبۇس بېكەتكە قويۇپ قويغانلىقىنى ئېيتتى، بېرىپ قارىسام مەتتوختى شۇ، ئەتراپىدا ھېچكىم يوق بىر دەم تۇرۇپ باقتىم ھېچكىم كەلمىدى، بالىنى قايتۇرۇپ كەلدىم. بالا بەك قورقۇپ كەتكەن چېغى گەپمۇ قىلمىدى، پەقەت يىغلىدى شۇ....
-قانداق يىتىپ كەتكەن؟
2013-يىلى 12-ئايدا ئانىسى خوتەندىكى بازارغا ئېلىپ كىرگەندە ئانىسىنىڭ قېشىدىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن. بىر يىل بولدى ئىزدىمىگەن يېرىمىز قالمىدى، ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىدى.
-مەتتوختى ئۆزىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى نېمىلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتمىدىمۇ؟
-ئېلىپ كەتكەنلەر بالىنى كۆتۈرۈپلا ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ مېڭىپتۇ، كېيىن بىر ئۆيدە يوشۇرۇپ يۈرۈپتۇدەك. ئۇيغۇرلاركەن. لېكىن باشقا بىرەر ئىشقا مەجبۇرلاپ ئۇرۇلغاننىڭ گېپىنى قىلمىدى.
-ساقچىلار بالىنى ئېلىپ قاچقان ياكى خەۋىرىنى بەرگەنلەرنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرمىدىمۇ؟
-بالىدىن سورىدى ئەمما مەتتوختى جىق نەرسە دەپ بېرەلمىدى، ئۇلارمۇ بىلەلمىدى بولغاي.....
-بىر يىل يوقاپ كەتكەن بالىنى قانداق بولۇپ قايتۇرۇپ بەرگەندۇ؟ بۇ ھەقتە نېمە ئويلايسىز؟
-سۈرىيەنىڭ ئاتا ئانىسى قىزىنى ئىزدەپ يۇرتۇمىزغىمۇ كەلگەن شۇ چاغدا كۆرۈشۈپ مەتتوختىنىڭ ئىزدەش ئېلاننىمۇ ئۇلارغا بەرگەن،جەمئىيەتتە يوقاپ كەتكەن بالىلارنى قايتا ئىزدەش كۈچەيگەندىن كېيىن شۇنىڭ پايدىسى بولۇپ، خۇدايىم ئاسانلىق بېرىپ بالىمۇ تېپىلدى.
-بالا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جىسمانىي روھىي جەھەتلەردىن سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈپ كۆردىڭىزمۇ؟
-ياق ئۇنداق قىلالمىدۇق، ئىقتىسادىمىزدىمۇ قىيىنچىلىق بولغاندىكىن قىلىپ كېتەلمىدۇق، بالىنى ئىزدەيمەن دەپ دېھقانچىلىق قىلالمىدۇق بۇ يىلمۇ بۇغداي تېرالمىدىم، بانكىدىن قەرز ئالغان 15 مىڭ كوي قەرزىم بار....
-مەتتوختى مەكتەپكە قايتا كىردىمۇ؟
-ھەئە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۆزۈم ئاپىرىپ كېلىۋاتىمەن، بىر ئايدىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن تىرىشىپ يۈرۈپ ساۋاتىنى چىقاردۇق، ئۆزىمۇ 15 كۈنچە بولۇپ قالدى بالىلارغا ئىلەشكىلى.

مەتتوختىنىڭ ئانىسى ھاجىنىساخان بىلەن سۆھبەت

-ھاجىنىسا بالىنى تېپىۋاپسىلەر مۇبارەك بولسۇن.
-رەھمەت، خوش بولدۇق، بالا دېگەن ئادەمنىڭ جېنى بولغاندىكىن...
-سىزنىڭ قېشىڭىزدىن يوقاپ كەتكەنمىدى؟
-ھە ئە مېنىڭ قېشىمدا ئىدى، بالىنىڭ كىچىكى قولۇمدا ئىدى، بىردىنلا يېنىمدىن يوقاپ كەتتى، بەك قورقۇپ كەتتۇق...
-نىمىدىن بەكرەك ئەنسىرىدىڭىز؟
-بىر يولىلا يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، نەدىدۇ؟ ساق بارمىدۇ؟ نېمە قىلىۋاتقاندۇ، قورقۇتۇپ قويغانمىدۇ نېمە كۈنلەرنى كۆرگەندۇ دەپ ئازابلىنىپ ئىچىم ئېچىشىپ سىقىلىپ يۈردۇق. بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى.
-ئوغلىمىز بىلەن قايتا كۆرۈشكەندە قانداق بولدىڭىز؟
-قايتىپ كەلگەندە ئۆزۈمنى تۇتالماي ئارقامغا ئۆرۈلۈپ كەتكىلى تاس قالدىم. بەك ئورۇقلاپ كېتىپتۇ..ئىشقىلىپ بۇرۇنقىدەك ئەمەس، بىر نېمە دېمىدى ئەمما يىغلاپلا تۇردى...بىر يىل ئانىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن.
-كۈلۈپ باقتىمۇ؟
-ھە ئە ئەتىسى كۈلدى؟ تاماق يەۋاتقاندا كۈلدى..
-نېمە تاماق ئېتىپ بەرگەنتىڭىز؟
-پولۇ ئېتىپ بەرگەن....
-نورمال كىچىك بالىلار ئاپىسىغا ئەركىلىگەندەك سىزگە ئەكىلەمدۇ؟
-ياق، بەكمۇ گەپ قىلمايدۇ....
-بېشىڭىزدىن ئۆتكەن مۇشۇ بەختسىزلىكلەردىن كېيىن باشقا-ئاتا ئانىلارغا، يەتكۈزىدىغان سۆزلىرىڭىز بارمۇ؟
-بېشىمىزغا بۇنداق ئىشلار كېلىپ باقمىغاندىن كېيىن بىزمۇ ئۆز ۋاقتىدا سەل قاراپتۇق، ھازىرقى جەمئىيەت قالايمىقان بولغاندىن كېيىن، بالىلارنى بىر يەرگە ئاپارساق قولىنى قويۇۋەتمەي ئۆزىمىزدىن ئايرىمىساق بولىدىكەن، بالىلارغىمۇ ئۆزىنى قوغداش تەربىيىسىنى ئېلىپ بېرىش زۆرۈركەن.