ئىگىلىشىمىزچە، بېلگىيەدىكى ئۇيغۇر بوكس ماھىرى فارۇق قۇربانوف ھازىر، ياۋروپا بويىچە 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بوكس چېمپىيونلۇق كەمىرىنى تالىشىدىغان مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، فارۇقنىڭ ھازىرقى تەييارلىق مەشىقلىرى توغرىسىدا توختالغان تېرنېرلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ئىسپانىيەنىڭ چېمپىيونى بولغان ئىسپانىيەلىك ماھىر بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى، مۇسابىقە تەييارلىقىنىڭ ھەر جەھەتتىن پۇختا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
فارۇق قۇربانوف 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۇيغۇر ئائىلىسىدە دۇنيا كەلگەن. ياۋروپاغا 2002-يىلى كۆچمەن بولۇپ كەلگەن. ئۇ بېلگىيەگە 2006-يىلى كۆچمەن بولۇپ يەرلەشكەندىن كېيىن، 14ياشتىن باشلاپ بوكسۇرلۇق مەشىقىنى باشلىغان.
فارۇق قۇربانوف بېلگىيەدىكى كەسپى بوكس كۇلۇبلىرىدىن « ئەسسالام » دېگەن كۈلۈپتا تەربىيىلەنگەن. 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بېلگىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بوكس مۇسابىقىسىدە 60كىلوگراملىقلار ئارا ئېلىپ بېرىلغان مۇسابىقىدە 11 ماھىرنى يېڭىپ بېلگىيە چېمپىيونى كەمىرىنى تاقىغان.
ئۇنىڭ تېرنېرلىرى، فارۇقنىڭ بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجە ئالىدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
فارۇق گەرچە ئانا تىلىدا راۋان سۆزلىيەلمىسىمۇ، ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ھېس قىلغانلىرى ھەققىدە توختىلىپ، بوكس مۇسابىقىلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر مەيدان مۇسابىقىدە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ ئۇيغۇر قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن مەيداندا لەپىلدىتىلىشى ئۆزى ئۈچۈن روھى جەھەتتىن مەدەت بولغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 14-ماي ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇسابىقىدە چېمپىيون بولۇشى ئۈچۈن سالىھ دۇئادا بولۇشنى تەلەپ قىلدى.
بېلگىيەدىكى «ئۇيغۇر جەمئىيىتى»نىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇلمۇتەللىپ ئىمىروف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، فارۇقنىڭ بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ شان-شەرەپ كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى، بېلگىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنىڭغا مەنىۋى جەھەتتىن ھەر دائىم ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاتتى.
0:00 / 0:00