گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان پۇتبول ھەۋەسكارلىرى ئىلگىرىلىمەكتە

0:00 / 0:00

2009‏-يىلى 5‏-ئىيۇلدىن كېيىن مۇھاجىرەت سېپىگە قېتىلغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە، بەلگىلىك تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشتىن مەھرۇم قىلىۋاتقان پۇتبول ھەۋەسكارلىرى بىر قەدەر كۆپ. ھالبۇكى، مۇھاجىرەتتىكى گوللاندىيەدە قۇچاقلاشقان تەقدىرداشلار پۇتبولغا بولغان ئىشتىياقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق.

ئەكسىچە، 2011‏-يىلى 7 دۆلەتتىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ دوستلۇق مۇسابىقىسىنى غەلىبىلىك تەشكىللىگەن ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك چېمپىيونلۇقنى قازىنىپ، ئەركىنلىك لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈرگەن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھېلىھەم توپ مەيدانلىرىدا بەيگە قىلماقتا. جۈملىدىن گوللاندىيەنىڭ مەركىزى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار كىچىك تىپتىكى كوماندىلارنى تەشكىللەپ، ئۆز-ئارا دوستلۇق مۇسابىقىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.

2015‏-يىلى 15‏-مارت، گوللاندىيەنىڭ ئۈترىخت شەھىرىدىكى مەلۇم بىر زالدا ئىككىنچى قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقىنى تاماملاپ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىدە جەم بولغان پۇتبولچىلار پەسىللىك چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن كوماندىنى تەقدىرلەش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن مەزكۇر پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئاۋانگارتلىرى سۆز قىلىپ، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ قوللاپ بەرگەنلىكىگە رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە پۇتبول سەۋەبلىك قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئاندىن بۇ قېتىملىق ئايلانما مۇسابىقىدە غەلىبە قىلغان «دەنھاخ ۋەتەن كوماندىسى» غا لوڭقا تەقدىم قىلدى ۋە پۇتبول پائالىيەتلىرىنىڭ ئاكتىپلىرىغا ئىلھاملاندۇرۇش خاتىرە بۇيۇمى بەردى.

بىر قىسىم ئىشتىراكچىلار سۆز قىلىپ، پۇتبول پائالىيىتى سەۋەبلىك جانلىنىۋاتقان دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىنى بايان قىلدى. يەنە بەزىلىرى ئىتتىپاقلىق يولىدا كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارغا ياخشى باھالار بەردى ۋە باشقا ۋەتەنداشلىرىغىمۇ تەۋسىيىلەردە بولدى.

مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيەدىكى مەركىزىي شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان بۇ پۇتبولچىلار ئۆزلىرى تەشكىللىگەن كوماندىلارغا «دەنھاخ ۋەتەن كوماندىسى»، «دەنھاخ نۇرباغ كوماندىسى»، «گوللاندىيە نۇر كوماندىسى» ۋە «گوللاندىيە نورت بارابان تارىم كوماندىسى» دېگەندەك مۇستەقىل ئىسىملارنى قويغان ۋە ئۆز-ئارا دوستلۇق مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئايدا بىر قېتىم جەم بولۇپ، مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.

ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر پۇتبول كوماندىلىرىدا ئاكتىپ رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئارىسىدا ئانا ۋەتىنى ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى كەسپىي كوماندىلاردا توپ تەپكەن ئىقتىدارلىق پۇتبولچىلار ۋە تەنتەربىيە ساھەسىدە يېتەكچىلىك خىزمىتىدە ئىشلىگەن تەجرىبىلىك ئاكتىپلارمۇ كۆپ بولۇپ، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلار ئۆزلىرىنىڭ پۇتبول ھاياتى ۋە ۋەتەن سىرتىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا مەلۇمات بەردى.