ئىلھام مەخمۇت: ئاتوم بومبىسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇيغۇرلارمۇ ئۇچرىغان
2013.08.07
8-ئاينىڭ 6-كۈنى ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىدىكى تىنچلىق باغچىسىدا خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جون رۇس ۋە بىر قىسىم ئامېرىكىلىق داڭلىق سەنئەتكارلار قاتناشقان.
خىروشىمادىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىلىرىدىن ۋەكىل ئەۋەتىلمىگەن بولسىمۇ، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلغان.
خىروشىماغا بۇندىن 68 يىل ئىلگىرى يەنى 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن ئون بەش ئۆتكەندە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئاتوم بومبىسى تاشلانغان. ئاتوم بومبىسىنىڭ زەربىسىدە خىروشىمادا 90 مىڭدىن 140 غىچە ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىنىپ ئۈچ كۈندىن كېيىن، ناگاساكىغا ئاتوم بومبىسى تاشلانغان. ناگاسادىكى ئاتوم بومبىسىنىڭ زەربىسىدە يۈزمىڭدىن ئوشۇق كىشى قازا قىلغان.
خىروشىمادىكى تىنچلىق باغچىسىدا ھەر يىلى 6-ئاۋغۇست ياپونىيەگە ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنى خاتىرىلەش، ئۇنىڭدا ۋاپات بولغانلارنى ئەسلەش ۋە يەر شارىدا يەنە قايتا ئاتوم بومبىسى پاجىئەسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك تۈرلۈك دۇنيا تىنچلىقىنى تەرغىب قىلىدىغان پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدۇ.
خىروشىمادا يىلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ خىلدىكى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى بەش يىلدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا ئاكتىپ قاتنىشىپ كەلمەكتە.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى مەزكۇر پائالىيەتتە ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىنگلىز، ياپون تىللىرىدا يېزىلغان تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىشتەك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.
بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھازىر خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خىروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 68 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئىشتىراك قىلىۋاتقان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتوم بومبىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى تارقىتىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلھام مەخمۇت بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.