خوتەندىن كەلگەن ئىنكاسلاردا ئېيتىلىشىچە، خوتەن شەھىرىدىكى لاسكۈي يېزىسىدىكى مەمەتئىمىن ئىسىملىك، 32 ياشتىكى نېرۋا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بىر ئۇيغۇر، كېچىدە كېسىلى تۇتۇپ قېلىپ مەھەللىسىدىكى مازارلىققا چىقىپ كېتىپ، كەنتنىڭ سابىق سېكرېتارى ئالىماخۇن بىلەن ئابدۇللا مەسۇتاخۇننىڭ قەبرىسىنىڭ كىچىك تۈۋرۈكىنى چېقىۋەتكەن. بۇنى كۆرگەن بەزى كىشىلەر ساقچى ئىدارىسىگە ئەرز قىلغان.
ۋەقەنى سادىر قىلدى دەپ قارالغان لاسكۈي كەنتلىك مەمەتئىمىن 70 كۈن بۇرۇن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇپ، ھازىر ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا سولاقلىق ئىكەن.
مەمەتئىمىننىڭ ھاممىسى خاننىساخان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ بۇ ۋەقە توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مەمەتئىمىننىڭ دادىسى بۇرۇنلا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، بىرلا ئانىسى بار ئىكەن. ئۇ، 2 قېتىم توي قىلغان بولسىمۇ، نېرۋا كېسىلى تۈپەيلى ئاجرىشىپ كەتكەن. ئۇ كېسىلى تۇتۇپ قالغاندا پەقەتلا ھوشىنى يوقىتىپ قويىدىغان بولۇپ، ئالدىغا كىم كەلسە ئۇرىدىكەن.
كېچە قەبرىستانلىققا قېچىپ چىققاندا كېسىلى تۇتۇپ قالغان بولۇپ، ئۇ يەردە ئىككى كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنىڭ مازىرىغا چېقىلىپ قويغان. خاننىسا خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، ساقچىلار ئەيىبلىگەندەك كوممۇنىستىك پارتىيەگە قارشى قىلغان ھەرىكەت ئەمەس، كېسىلى تۇتۇپ قالغان بولغاچقا خۇدىنى بىلمەي قىلىپ سالغان ئىكەن. مەمەتئىمىننىڭ ماتېرىيالى ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش ئىدارىسىگە يوللانغان بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتىكەن.