خىتايدا تارالغان ساختا ۋاكسىنىلار ھەققىدە ياپون ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2016.03.29
Sistira-qizlar-doxturxana-305.jpg ئۇيغۇر رايونى مەلۇم دوختۇرخانىدىكى سېسترا قىزلار. سۈرەت ياپونىيەدە نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى» ناملىق ياپون تىلىدىكى كىتابتىن سۈرەتكە ئېلىندى.
RFA/Qutluq

مەلۇم بولۇشىچە، كۆپلىگەن ياپونلار ياپونىيەگە كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلىرىنىڭ كۆپلەپ دورا سېتىۋالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى خىتايدىكى دورا ۋە ئوكۇللاردا بۇ خىلدىكى ساختىلىق بولغانلىقتىن دەپ قارايدىكەن.

25-مارت ياپونىيە تاراتقۇلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ سەندۇڭدا ئىشلەنگەن 12 خىل ساختا ۋاكسىننىڭ 24 ئۆلكىگە تارالغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ياپونلار بۇ ھەقتە ئوخشىمىغان قاراشلارنى بايان قىلغان.

بىز خىتايدا تارالغان ساختا ۋاكسىنىلار ھەققىدە بىر قىسىم ياپونلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دوختۇرلار بىلەن بۇ ھەقتە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ خىتايدا تارالغان ساختا ۋاكسىنىلار ھەققىدىكى خەۋىرىدىن خەۋەردار بولغان ياپونىيەلىك ئوبزورچى مىئۇرا كوتارو بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئەزەلدىن خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلمەي كەلدى. خىتايدا نامراتلار بىلەن پۇلدارلارنىڭ دورىسى ۋە ئوكۇلى پەرقلىق.»

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرگە نىسبەتەن بىر قىسىم ياپونلارنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىز خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا ۋاكسىنىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ سايباغدىكى تارماق دوختۇرخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەر شەھەرلىك تېببىي داۋالاش مەركىزىنىڭ بىر خادىمى ساختا ۋاسكىنلار بالىلارغا ئۇرۇلغاندا كۆرۈلىدىغان بىر قىسىم ئالامەتلەر ھەققىدە توختالدى.

خوتەن ۋىلايەتلىك تېببىي داۋالاش مەسلىھەت مەركىزىنىڭ بىر خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرچە خوتەندە خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا ۋاكسىنا ھەققىدە ھېچقانداق بىر ئىنكاسنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىز بۇ ھەقتە يەنىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، بىراق قارشى تەرەپ تېلېفوننى ئالمىدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.