سەھىيە ساھەسىدىكى كەسپىي خادىملار ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇر دىياردىكى قورقۇنچلۇق كېسەللىككە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.08.18
qeshqer-bazar-xitay.jpg قەشقەردىكى مەلۇم بازاردىن كۆرۈنۈش.
Social Media

ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئېرىشىلگەن مەلۇماتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەيدىز كېسەللىكى بىلەن جىنسىي كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ھەمدە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدە ئۇزۇن يىل خىزمەت قىلغان، يېقىندا غەربتىكى مەلۇم دۆلەتكە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بىر ئۇيغۇر كەسپىي خادىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە بۇ ھەقتىكى بەزى ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق ئەيدىز بىمارىنىڭ 80% تىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن. ھەر بىر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى ئەڭ ئاز دېگەندە ئۆز ئەتراپىدىكى 3 كىشىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بويىچە ھېسابلىغاندا، ھازىر تەخمىنەن 100 مىڭغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بولغانلىقى ئېھتىمالدىن يىراق ئەمەسكەن.

ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت تەجرىبىسىگە ئاساسەن مۇنۇلارنى يەكۈنلەيدۇ: «ئەيدىز كېسەللىكى ھازىر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا قاراپ يامرىماقتا. ئىلگىرىكى زەھەر چېكىش ياكى شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرۇش ھادىسىسى شىمالدا ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەندى، ئەمما جەنۇبتا، يەنى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك جايلاشقان جايلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى جىنسىي مۇناسىۋەت يولى بىلەن تارقالماقتا. بۇنىڭدا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى، بولۇپمۇ قېنىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بولغان پاھىشە ئاياللارنىڭ ‹ساتراچخانا›، ‹ھورداقخانا›، ‹ئۇۋىلاش مەركىزى› دېگەندەك ناملاردا جىنسىي مۇلازىمەت قىلىشى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولماقتا.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى ئېگىرى سۈردى: «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى تەشۋىقىي خىزمەتلەر جەنۇبتا پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ، ئەيدىز كېسىلى ھەققىدە تەشۋىقىي خىزمەت ئىشلىشىمىزگە توسالغۇلۇق قىلدى. جەنۇبتىكى ناھىيە ۋە يېزىلاردا پارتكوم سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىرىنچى قول خىتاي ئەمەلدارلار ‹مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ› دەپلا ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ئارىسىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە خىزمەت ئىشلەشكە يول بەرمىدى. بولۇپمۇ ئاممىنىڭ بىر جايغا يىغىلىشىنى چەكلىدى. بۇنىڭ بىلەن جەنۇبتىكى ساقلىقنى ساقلاش خىزمەتلىرى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.»

ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ئۇيغۇر ئائىلىسىنىڭ پاجىئەسى ھەققىدىكى راست ھېكايىنى رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا تەقدىم قىلدى.

ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا شۇنچە تېز يامرىشىدىكى بەزى سەۋەبلەر ھەققىدە ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان يەنە بىر ئۇيغۇر زىيالىي رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى كۆپلىگەن جايلاردا جەمئىيەتشۇناسلىق بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى بايانلىرى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ رايوندا تارقىلىشىدىكى سىرلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەپ بەردى.

ئۇ ئۆزىنىڭ جەنۇبتا ئېلىپ بارغان جەمئىيەت تەكشۈرۈشى داۋامىدا خوتەن، يەركەن، قەشقەر ۋە ئاقسۇ شەھەرلىرىدە كۆچمەن خىتايلار بەرپا قىلغان «قىزىل چىراغ» رايونلىرىدا يوشۇرۇن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جايلاردا تۈرلۈك ناملاردا «دۇكان» ئېچىپ «جىنسىي مۇلازىمەت» قىلىۋاتقان خىتاي پاھىشەلىرى ئەيدىز كېسىلىنى جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرگە تارقىتىشتىكى ئاساسلىق ۋاسىتە ئىكەن.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.