پېشقەدەم ئادۋوكات: «ھۆكۈمەتكە قوش تىللىق مائارىپنى يولغا قويۇش تەلەپلىرى سۇنۇلدى. لېكىن،زەھەر چەكلەش توغرىسىدا گەپ يوق»

ئۈرۈمچىدىكى پېشقەدەم ئادۋوكات مەمتىمىن ئەپەندى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يامراپ كېتىۋاتقان خېروئىن سودىسى ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملىرى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

زەھەرلىك چېكىملىك ئىستېمال قىلغۇچىلار ئىشلەتكەن شپىرىسلار. 2010-يىلى 15-ئىيۇل، كۇنمىڭ. AFP

ئۆتكەن يىلىدىن ئېتىبارەن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى رامىزانلىق ۋەزىيەت توغرىسىدا توختىلىپ كېلىۋاتقان ئۈرۈمچىدىكى پېشقەدەم ئادۋوكات مەمتىمىن ئەپەندى 26-ئىيۇن خەلقئارا زەھەر چەكلەش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قايتا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە يامراپ كېتىۋاتقان خېروئىن سودىسى ھەققىدىكى قانۇن-نىزاملىرى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بىر قىسىم قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

نۆۋەتتە دىققىتىڭلار، ئادۋوكات مەمتىمىن بىلەن بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە بولغاي.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org