ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى زور كۆلەملىك نامايىشلار ئۇيۇشتۇرۇلدى

0:00 / 0:00

ئولىمپىك تارىخىدىكى ئەڭ زىددىيەتلىك مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى دەپ باھالىنىۋاتقان 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى، دۇنيانىڭ ھەرقايسىي جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ، دېپلوماتىك بايقۇتلارنىڭ كۆلەڭگۈسىدە باشلاندى.

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلار بىرلىشىپ كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ سەمىگە خىتاي ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان ئولىمپىكنى ۋە ئۇنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆرمەسلىكنى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھەشەمەتلىك تەنتەنىلىرىنىڭ كەينىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەمدە تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلارغا قىلىنىۋاتقان زۇلۇملارنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

3-فېۋرال كۈنى ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندا زور كۆلەملىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، لوندوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا باشلانغان بۇ نامايىش لوندوندىكى پىكادىل مەيدانىدا داۋاملاشقان. نامايىشچى ئامما «بېيجىڭ ئولىمپىكى-ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىدۇر»، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، تىبەتكە ئەركىنلىك، خوڭكوڭغا ئەركىنلىك!» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.

لوندوندىكى پىكادىل مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشتا ناميىشھىلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى (ئىوچ) نىڭ رەئىسى توماس باچ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. 2022-يىلى 3-فېۋرال، ئەنگلىيە.
لوندوندىكى پىكادىل مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن زور كۆلەملىك نامايىشتا ناميىشھىلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى (ئىوچ) نىڭ رەئىسى توماس باچ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئوبرازىنى ياراتقان. 2022-يىلى 3-فېۋرال، ئەنگلىيە.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندىكى ۋەكىلى رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ نامايىشقا قاتناشقان. ئۇنىڭ رادىيومىزغا ئېيتىشىچە، نامايىشتا يەنە سىموۋللۇق ئالتۇن مېدال تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق مېدالى» تارقىتىپ بەرگەنلىكى نامايەن قىلىنغان.

مەزكۇر نامايىشقا ئەنگىلىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتا ئەزاسى داۋىد ئېلتون، پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىم ۋە ئافزال خان قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

داۋىد ئەلتون ئەپەندى، جىنايەتلەرنىڭ ئەڭ ئېغىرى بولغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن، تىبەتلەر بىلەن خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان بىر مەزگىلدە، بۇ قېتىملىق ئولىمپىكنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، شۇ ۋەجىدىن بۇ قېتىملىق ئولىمپىك تەشكىللىگۈچىلەرنى ۋە ئۇنى قوللىغۇچى خەلقئارالىق شىركەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

داۋىد ئېلتون ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان بىزلەر چوقۇم ئەركىنلىكنىڭ مەشئىلىنى يېقىشقا، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۈمىد مەشئىلى بولۇشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. ئۈمىدۋار بولۇش ئىنتايىن مۇھىم. . . بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغۇچىلار بىلەن ھەردائىم بىر سەپتە تۇرىمىز.»

ئارقىدىن يەنە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى خانىممۇ سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىنى «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى رەت قىلىمىز» دېگەن شوئار بىلەن باشلىغان. نۇسرەت غەنى خانىم مۇنداق دېگەن: «ئەتە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ. خىتاي كومپارتىيەسى ئىنتايىن تەنتەنىلىك، ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. بىراق بىز ھەقىقەتنى بىلىمىز. بىز دۇنياغا خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى باستۇرۇشىنى، تىبەتلەرگە قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى ئېچىپ كۆرسىتىمىز. بىز دۇنياغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ۋە مۇشۇ مىنۇتلاردا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۆرسىتىمىز.»

ئۇلار يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقي قىرغىنچىلىقىنى، تىبەتلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىنى ھەر پۇرسەتتە تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

رەھىمە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەن بۇ نامايىش ئەنگىلىيەدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭمۇ دىققىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئەنگىلىيەدىكى BBC قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرى نامايىشنى خەۋەر قىلغان. رەھىمە خانىم BBC تېلېۋىزىيەسى خەۋەر پروگراممىسىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان.

نامايىشچى ئامما بۇ قېتىملىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى تارقىتىدىغان ئاخبارات ئورگانلىرى، مۇخبىرلار ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىمۇ خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا ماسلاشماسلىقنى تەلەپ قىلغان. مەيدانغا يىغىلغان يۈزلىگەن نامايىشچى بېيجىڭ دائىرىلىرىگە بۇ پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ شوئار توۋلىغان.

چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئولىمپىكككە قارشى نامايىشلىرى يەنە ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن. مەزكۇر نامايىشقا لاگېر شاھىدى تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن خانىم ئىشتىراك قىلغان. ئۇلار نيۇ-يوركتا يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇرغا قارىماي قوللىرىدا «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن»، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكىنى بويقۇت قىلىمىز» «تىبەتلەرگە ئەركىنلىك» قاتارلىق شوئارلار بىلەن نامايىش قىلغان.

بۈگۈن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە ھەرقايسى ئاخباراتلاردىمۇ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكى كۈچلۈك تەنقىد قىلىنغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو، مىت رومنىي قاتارلىقلار دېكتاتور خىتاي ئۇيۇشتۇرغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى، ئولىمپىك كومىتېتىنى، ئولىمپىكنى قوللىغۇچى شىركەتلەرنى ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا يەھۇدىي قىرغىنچىلىقى خاتىرە مۇزىيى بولسا تىۋىتتېردا 1936-يىلى ناتسېستلار گېرمانىيەسى ساھىبخانلىق قىلغان بېرلىن ئولىمپىكىنىڭ مەشئەل يەتكۈزۈش مۇراسىمىنىڭ ۋىدىيوسىنى تارقىتىپ: «كۆرۈۋاتقىنىڭىز ناتسىستلارنىڭ 1936-يىلدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە تەشۋىقات مەقسىتىدە قوللانغان مەشئەل يەتكۈزۈش پائالىيىتىدۇر. ناتسېستلار ئەينى چاغدا بۇ پائالىيەتنى ئۆزىنىڭ يەھۇدىيلارغا ۋە باشقىلارغا قىلىۋاتقان زىيانكەشلىكىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قانداق قوللانغان بولسا، بۈگۈنمۇ بىز ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان ۋەھشىيلىكتىن دىققەت بۇراشقا قوللىنىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولماقتىمىز،» دەپ يازغان.