كارزاي، " ئافغانىستان پاكىستانغا قوشۇن كىرگۈزۈش ھوقۇقىغا ئىگە" دېدى

يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستان پرېزىدېنتى ھامىد كارزاي كابۇلدا تالىبان كۈچلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن پاكىستان تەۋەسىگە قوشۇن كىرگۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى شۇنىڭدەك ئافغانىستاننىڭ مۇنداق ھوقۇققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كارزاي " بۇ ئافغانىستاننىڭ ئۆزىنى ئۆزى ھىمايە قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇلار پاكىستاندىن ئافغانلار ۋە بىرلەشمە كۈچنىڭ ئادەملىرىنى ئولتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن يەردە بىزنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ شۇنداق قىلىش ھەققىمىز بار." دەيدۇ كەسكىن تۈردە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى پاكىستان تەۋەسىگە يوشۇرۇنغان تالىبان كۈچلىرى ئافغانىستان چېگرىسىدىن كىرىپ، تالىبانلار تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بىر تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىپ، 900 دىن ئارتۇق تالىبان تۇتقۇنىنى قاچۇرغان ئىدى.

كارزاينىڭ ئافغانىستان قوشۇنلىرىنى پاكىستان چېگرىسى ئىچىگە كىرگۈزۈپ، تالىبان قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قوزغاش ھەققىدىكى بۇ ئاگاھلاندۇرۇشى جىددىي ئىنكاسلارنى قوزغىدى.