ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش يىغىنى پارىژدا ئېچىلدى

ئافغانىستان پرېزىدېنتى كارزاي، پارىژدا ئېچىلغان " ئافغانىستانغا ياردەم يىغىنى " دا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستاننى قايتا قۇرۇش ئۈچۈن 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم قىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى.

ئامېرىكا تەرەپ يىغىندا ئافغانىستانغا 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق كۆزەتكۈچىلەر، ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتە ياردەم ئۈچۈن بېرىلگەن ئىقتىسادنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىغىمۇ گۇمان بىلەن قارايدىكەن.

كارزاي، ئافغانىستاننىڭ زور ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ھەقىقەتەن مەزكۈر ياردەم سوممىسىنى قەيەرگە ئىشلىتىش مەسىلىسىنىڭ تولىمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

80 دۆلەتنىڭ ۋەكىلى قاتناشقان بۇ يىغىنىغا فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمون رىياسەتچىلىك قىلدى. مەزكۈر يىغىن 2001 ‏ - يىلى تالىبان ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئافغانىستانغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئېچىلغان 4 ‏ - قېتىملىق مۇھىم بىر يىغىن ھېسابلىنىدۇ.

يىغىندا سۆز قىلغان ساركوزى، فرانسىيىنىڭ ياردەم سوممىسىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرۇپ، ئافغانىستاننىڭ ساغلىق ۋە دېھقانچىلىق ساھەسى ئۈچۈن ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمۇ ئافغانىستانغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

دۇنيا بانكىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا بىلدۈرۈلىشىچە، ئافغانىستان تاپشۇرۇپ ئالغان ئىقتىسادى ياردەمنىڭ %70 ى ھۆكۈمەت سىرتىدىكى ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ پۇللارنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا، ياردەم كۆرسىتىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۇچۇر شىركەتلىرىنىڭ ساندۇقىغا چۈشۈپ كەتكەن.

شۇڭا ب د ت نىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەلچىسى مەتبۇئاتلارغا، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭ ئافغانىستاننىڭ چەتئەللىك توختامچىلارغا باغلىنىپ قېلىشىنى ئازايتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.