چىڭگىز ئايتماتوف 1958 - يىلى نەشر قىلىنغان " جەمىلە" ناملىق رومانى بىلەن تونۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، 1980 - يىللىرى يازغان ۋە سوۋىت ئىتتىپاقىدىكى تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرگەن " بىر ئەسىردىنمۇ ئۇزۇن بىر كۈن" ناملىق كىتابى بىلەن يازغۇچىلىق كەسپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان ئىدى. چىڭگىز ئايتماتوف بۇ كىتابىدا قېيىن - قىستاق ۋە خاتىرىسىنى يوقىتىش ئارقىلىق قۇللارغا ئايلاندۇرۇلغان خەلقنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن " مانقۇرت" ئۇقۇمىنى تونۇشتۇرغان.
بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىدىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان مىللەتچى ۋە ۋەتەنپەرۋەر گۇرۇپپىلار ئۆز مىللىتىدىن تانغان، ئۆز مىللى تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇپ، يات مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنى مانقۇرت دەپ ئاتاشقا باشلىغان.
1928 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى قىرغىزىستاننىڭ تالاس رايونىنىڭ شىكەر يېزىسىدا تۇغۇلغان چىڭگىز ئايتماتوف، قىرغىزىستان سىياسىتىدىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىغان بولۇپ، 1990 - يىلىدىن 2005 - يىلىغىچە قىرغىزىستاندا ھۆكۈم سۈرگەن پرېزىدېنت ئاقايىفنى قوللىغان ئىدى.
1935 - يىلى ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە قىرغىزىستاندىن رۇسىيىگە كۆچۈپ، موسكۋاغا ئورۇنلاشقان چىڭگىز ئايتماتوف، يازغۇچىلىق كەسپىنى موسكۋادا رۇس تىلىدا باشلىغان ئىدى.