نامايىشچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى مۇسۇلمانلاردىن تەشكىل تاپقان كەشمىرگە ھىندۇلارنىڭ كېلىپ ئورۇنلىشىشىغا يۇل ئىچىشى ۋە بۇ رايوندا ھىندۇلارنىڭ نوپۇس نىسبىتىنى كۆپەيتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىىستان ساقچىلىرى نامايىشچىلارنى تارقىتىش كۆزدىن ياش ئاققۇزىدىغان گاز ئىشلەتكەن ھەمدە ھاۋاغا ئوق چىقارغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا چىققان توقۇنۇشلاردا ئۈچ كىشى ئۆلگەن ۋە ئاز دېگەندە 12 ساقچى ۋە 29 نەپەر نامايىشچى يارىلانغان.
ھىندىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ كەشمىرگە ھىندى نوپۇسى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە رايوندىكى ھىندۇلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش پىلانى بارلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلماقتا.
ھىندىستان ھۆكۈمىتى كەشمىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ۋە كەشمىر ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى ساقلاپ تۇرۇش ئۈچۈن، رايونغا 700 مىڭ ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇرغان. رايوننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتقان مۇسۇلمان گۇرۇپپىلار بىلەن ھىندىستان ھەربىي قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا قانلىق توقۇنۇشلارغا سەھنە بولغان كەشمىر، مۇسۇلمانلار كۈپ ساننى ئىگىلەيدىغان ھىندىستاننىڭ بىردىن بىر ئۆلكىسى ھېسابلىنىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كەشمىر نىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇسۇلمان گۇرۇپپىلار بىلەن ھىندىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە ئون مىڭلىغان كىشى ئۆلگەن.